فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى
پۇرژۇئا ئىنقىلابى ۋە ئىسلاھاتى
1789 - يىل7 - ئاينىڭ14 - كۈنى پارىژ خەلقى پادىشاھقا قارشى ئىنقىلابچىلارنى قاماپ قويغان باستىلىيە تۈرمىسىنى باتۇرلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىپ، فرانسىيە ئىنقىلابىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرگەن. فرانسىيە خەلقى مۇشۇ كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن7 - ئاينىڭ14 - كۈنىنى دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن.18
- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە فرانسىيە يەنىلا فېئوداللىق دۆلەت بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسى ئۈچ تەبىقىگە ئايرىلغانىدى. بىرىنچى تەبىقىدىكىلەر دىندارلار، ئىككىنچى تەبىقىدىكىلەر ئاقسۆڭەكلەر بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمران سىنىپ ئىدى. ئۇلارنىڭ ئادەم سانى كۆپ بولمىسىمۇ، بىپايان يەرنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىپ دېھقانلارنى رەھىمسىز ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلغانىدى. ئۈچىنچى تەبىقىدىكىلەر كەڭ دېھقانلار، قول ھۈنەرۋەنلەر ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئازلار بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمران سىنىپ تەرىپىدىن خالىغانچە تالان - تاراج قىلىناتتى، سىياسىي جەھەتتە ھوقۇقى يوق ئىدى، شۇڭا ئۇلار فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمگە ئىنتايىن نەپرەتلىنەتتى.1789
- يىلى5 - ئايدا پادىشاھ لۇئى ئۈچ تەبىقىنىڭ ۋەكىللىرىنى پارىژغا چاقىرىپ يىغىن ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل - مال ئۈندۈرۈۋالماقچى بولغان، لېكىن ئۈچىنچى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بۇنىڭغا قارشى تۇرغان.7 - ئاينىڭ9 - كۈنى ئۈچىنچى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى يىغىننى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىغا ئۆزگەرتىپ، فرانسىيە ئۈچۈن بىر ئاساسىي قانۇن چىقىرىش كېرەكلىكىنى جاكارلىغان. بۇنىڭدىن ئۆلگۈدەك ئاچچىقى كەلگەن لۇئى كۆپلەپ ئارمىيە يۆتكەپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىنى تارقىتىۋېتىپ، پارىژنى قانغا بوياشقا تەييارلانغان. بۇ خەۋەر خۇددى ئوت ئۈستىگە ماي چاچقاندەك بولغان.7 - ئاينىڭ13 - كۈنى پۈتكۈل پارىژ شەھىرىدە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چېلىنغاندا، كىشىلەر قولىغا پالتا، پىچاق، نەيزە قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كوچىغا چىقىپ، قوراللىق قوزغىلاڭنى باشلىۋەتكەن.
پارىژنىڭ شەرقىي جەنۇبىي بۇرجىكىدە ئىنتايىن چوڭ بىر ئىستىھكام، يەنى باستىلىيە تۈرمىسى بولۇپ، بۇ يەرگە ئىلگىرى پادىشاھ ۋە ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى تۇرغان سىياسىي مەھبۇسلار مەخسۇس قامىلاتتى، تۈرمىنىڭ تۆت ئەتراپى25 مېتىر كەڭلىكتىكى خەندەك بولۇپ، ئىستىھكامنىڭ سەككىز چوڭ ئېگىز مۇنارىغا كۆپلىگەن زەمبىرەك ئورنىتىلغان، بۇ زەمبىرەكلەر پارىژدىكى ئىنقىلابىي خەلققە قارىتىلغانىدى.7 - ئاينىڭ14 - كۈنى نەچچە ئون مىڭلىغان قوزغىلاڭچى ئامما باستىلىيە تۈرمىسىگە باستۇرۇپ كېلىپ، فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان بۇ ئىستىھكامغا ھۇجۇم باشلىغان. قوزغىلاڭچىلار دەھشەتلىك زەمبىرەك ئوتىغا قارىماي خەندەكتىن ئۆتۈپ شەھەر سېپىلىغا ئېسىلغان،100 نەچچە كىشى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلغان. توساتتىن بىر زەمبىرەك ئوقى خەندەكتىكى ئاسما كۆۋرۈكنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئاسما كۆۋرۈك چۈشۈپ كېتىپ، كىشىلەر توپى خۇددى كەلكۈن سۇدەك بېسىپ كىرگەن، ئاخىر باستىلىيە تۈرمىسىنى ئىگىلىۋالغان.
باستىلىيە تۈرمىسىنى ئىگىلىۋېلىش فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.1789 - يىلى8 - ئايدا ئىنقىلابنىڭ رەھبىرىي ئورگىنى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، «كىشىلەر تۇغۇلغاندىن تارتىپلا باراۋەر ئىدى ھەم باشتىن - ئاخىر باراۋەر بولۇشى كېرەك»، «ئەركىنلىك، بىخەتەرلىك ۋە ئېزىشكە قارشى تۇرۇش ئىنساننىڭ تەبىئىي كىشىلىك ھوقۇقىدۇر» دېگەننى جاكارلىغان، بۇ ئىدىيە ئىنقىلاب ئۈچۈن غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.1789 −1794 - يىللىرى ئارىلىقىدا خەلق ئاممىسى كەينى - كەينىدىن كۈرەش قىلىپ، ئىنقىلابنى قەدەممۇ قەدەم چوڭقۇرلاشتۇرغان.1792 - يىلى فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان.1793 - يىلى لۇئى نى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. شۇ يىلى يازدا ۋە كۈزدە روبېسپېر ۋەكىللىكىدىكى بۇرژۇئا دېموكراتچىلار ئىنقىلابىي دىكتاتورا ھۆكۈمىتى (تارىختا بۇ ياكوبىن دىكتاتورىسى دېيىلگەن) نى قۇرۇپ، خەلقنى قوزغاپ فرانسىيە چېگرىسى ئىچىدىكى چەت ئەللەرنىڭ مۇداخىلە قوشۇنلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاسىيلارنى باستۇرۇپ، ئىنقىلابنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن.1794 - يىلى7 - ئايدا فرانسىيىدىكى چوڭ بۇرژۇئازىيە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ياكوبىنچىلار دىكتاتورىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان، شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى ئاخىرلاشقان.
فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ كەسكىن ۋە ئەڭ چوڭقۇر بولغان بىر قېتىملىق بۇرژۇئا ئىنقىلابى بولۇپ، ئۇ فرانسىيىدىكى فېئوداللىق كۈچلەرنى تازىلاپ، ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەر ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرگەن.