ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى
پۇرژۇئا ئىنقىلابى ۋە ئىسلاھاتى
دۇنيادىكى بەزى قەدىمكى مەدەنىي دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا بىر ياش دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.1775 −1783 - يىللاردىكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى شىمالىي ئامېرىكىدىكى13 مۇستەملىكە جايدىكى خەلق ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ، شۇ جايدىكى كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يول ئاچقان ئۇرۇشتۇر.
شىمالىي ئامېرىكا ئەسلىدە ئىندىئانلارنىڭ ئەۋلادتىن - ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ماكانى ئىدى، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىنى بويلاپ13 مۇستەملىكە قۇرۇلغان، ياۋروپادىكى كۆپلىگەن نامرات ئەمگەكچى خەلق جان بېقىش مەقسىتىدە بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن. كۆچمەنلەر ئۇزاق مۇددەتلىك ئورتاق ئەمگەك قىلىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش داۋامىدا تەدرىجىي ھالدا بىر يېڭى مىللەت − ئامېرىكا مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇلاردا ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىشتەك كۈچلۈك ئارزۇ پەيدا بولغان. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ ئېزىش ئوبيېكتىدىن ۋاز كەچمەي، بەلكى ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق تالان - تاراج قىلغان. شۇنىڭ بىلەن مۇستەقىللىققا ئېرىشىش يولىدىكى ئۇرۇش ئاخىر پارتلىغان.1775
- يىل4 - ئاينىڭ18 - كۈنى كەچتە تولۇق قوراللانغان ئەنگلىيە ئارمىيىسى بوستوننىڭ غەربىي شىمالىي شەھەر ئەتراپىغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، ئەنگلىيىگە قارشى تەشكىلاتنىڭ مەخپىي ھەربىي ئىسكىلاتىنى ئىزدىگەن. ئىككىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە ئەنگلىيە ئارمىيىسى لېكسىنگتوندىن ئۆتۈۋاتقاندا توساتتىن قاتتىق مىلتىق ئاۋازى چىققان، تامنىڭ كەينىدىن، ئۆينىڭ بۇرجىكىدىن ۋە چىتلاق ئەتراپلىرىدىن غەزەپلىك ئوق ئاۋازلىرى كەينى - كەينىدىن چىقىپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋەتكەن، ئەنگلىيە ئارمىيىسىدىن ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار200 دىن ئاشقان. بۇ، ئاللىبۇرۇن ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئەنگلىيىگە قارشى خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىنىڭ يوشۇرۇن زەربىسى ئىدى. لېكسىنگتوندىكى جەڭ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قوراللىق قارشى تۇرۇشنىڭ تۇنجى جېڭىنى باشلاپ، ئامېرىكا ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ بەرگەن.
لېكسىنگتوندىكى مىتلىق ئاۋازى تارالغاندىن كېيىن، قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش دولقۇنى بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە13 مۇستەملىكىگە تارالغان، جايلاردىكى ئامما ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ قورال تارتىۋېلىپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىگە تۇيۇقسىز زەربە بەرگەن.13 مۇستەملىكىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى1776 - يىل7 - ئاينىڭ14 - كۈنى «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيىدىن قۇتۇلۇپ «ئەركىن ۋە مۇستەقىل بولغان قوشما شتات» تەشكىل قىلىنغانلىقىنى تەنتەنە بىلەن جاكارلىغان. ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىدى، ئەمما شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەر ئىنتايىن قالاق بولغاچقا، ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى پەرق ئىنتايىن زور ئىدى. جايلاردىكى ئەنگلىيىگە قارشى خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن چوڭ قۇرۇقلۇق قوشۇنى باش قوماندان ۋاشىنگتوننىڭ رەھبەرلىكىدە جاپادىن قورقماي جەڭنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىر ئاجىزلىقتىن كۈچەيگەن.1777 - يىلى چوڭ قۇرۇقلۇق قوشۇنى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى ساراتوگادا ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ5000 ئادىمىنى بىراقلا يوقاتقان. بۇ قېتىمقى چوڭ غەلىبە پۈتكۈل ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا فرانسىيە ۋە گوللاندىيىنىڭ ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشكەن.1781 - يىلى يوركتوندا قورشاۋغا ئۇچرىغان ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى كورنىۋالس زادىلا يول تاپالماي، نائىلاج7000 ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ تەسلىم بولغان.1783 - يىلى ئەنگلىيە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. سەككىز يىل داۋاملاشقان مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئامېرىكا خەلقىنىڭ غەلىبىسى بىلەن تاماملانغان.1789 - يىلى ۋاشىنگتون ئامېرىكىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان.