UyghurWiki
UyghurWikiپۇرجۇئا ئىنقىلابى ۋە ئىسلاھاتىروسىيىدىكى يانچىلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى

روسىيىدىكى يانچىلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى

پۇرژۇئا ئىنقىلابى ۋە ئىسلاھاتى روسىيە فېئوداللىق دەۋرىدە ۋەھشىي يانچىلىق تۈزۈمىنى يولغا قويغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا دېھقانلارنىڭ ئورنى قۇللارغا يېقىنلىشىپ قالغانلىقتىن، ئۇلار يانچى دېيىلەتتى. ئۇلارنىڭ يېرى بولمايلا قالماستىن، پەقەت پومېشچىكلاردىن ئازراق يەر ئېلىپ تېرىقچىلىق قىلىپ، پومېشچىكلارغا يەر ئىجارىسى تاپشۇرۇپ ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىپ بېرىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىمۇ يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ بارلىق نەرسىسى، جۈملىدىن پەرزەنتى ۋە مال - مۈلكى پومېشچىكنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولاتتى، پومېشچىكلار ئۇلارنى خالىغانچە ئۇرۇپ - تىللايتتى ۋە ئېلىپ - ساتاتتى. يانچىلىق تۈزۈمى ئاساسىدا روسىيىدە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىلدى، ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران چار پادىشاھ ئەڭ چوڭ پومېشچىك ئىدى.19 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يانچىلىق تۈزۈمى روسىيىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى توسالغۇ بولۇپ قالدى. يانچىلارنىڭ جاپالىق ئەمگەك مېۋىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى پومېشچىكلار ئېلىپ كېتەتتى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەمگەك ئاكتىپلىقى بولمىغانلىقتىن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئۇزاققىچە تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈپ قالغانىدى. روسىيىدە كاپىتالىستىك سانائەت ئاز - تولا بەرپا قىلىنغان بولسىمۇ، جىسمانىي ئەركىنلىكى كەم بولغان ئەمگەك كۈچلىرى بۇ ساھەدە ئىشلىگەنلىكتىن، سانائەتنىڭ تەرەققىياتى ئاستا ئىدى، بۇ چاغدا غەربىي ياۋروپادىكى ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇرژۇئا ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىپ، فېئوداللىق تۈزۈمنى بىتچىت قىلغانلىقتىن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۇچقاندەك تېز بولغانىدى.1854 - يىلى روسىيە ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىلەر بىلەن تۈركىيىنى تالىشىپ ئۇرۇش قوزغىدى، ئۇرۇشتا چارروسىيە ئارمىيىسىنىڭ ۋەتۋەرىكى چىقىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن، يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ چىرىك ۋە قالاقلىقى يەنىمۇ ئاشكارىلاندى. كىشىلەر بۇنىڭغا يەنە چىداپ تۇرالمىدى، دېھقانلار ئۈزلۈكسىز قوزغىلاڭ كۆتۈردى. تەرەققىيپەرۋەر زىيالىيلار يانچىلىق تۈزۈمىگە كەينى - كەينىدىن زەربە بېرىپ، ئىنقىلاب قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. ھۆكۈمران سىنىپلار بولسا يۇقىرىدا يانچىلارنى ئازاد قىلىش تۆۋەندە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇشنى كۈتۈپ تۇرۇشتىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، يانچىلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولدى.1861 - يىلى چار پادىشاھ ئالىكساندىرⅡ پەرمان ئېلان قىلىپ، يانچىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەڭگۈلۈك پايدىلىنىش ھوقۇقى بولغان يەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، قايتۇرۇۋېلىش سوممىسىنى تۆلىگەندىن كېيىن يەر يانچىلارنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. پەرمان ئېلان قىلىنغان يىلى10 مىليوندىن ئارتۇق يانچى ئازادلىققا ئېرىشىپ، كاپىتالىستىك سانائەت ئۈچۈن ئەركىن ئەمگەك كۈچى يارىتىلىپ، روسىيىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇڭا، شۇ قېتىمقى ئىسلاھات روسىيىنىڭ فېئوداللىق جەمئىيەتتىن كاپىتالىستىك جەمئىيەتكە ئۆتۈشتىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئىسلاھات ئۈزۈل - كېسىل بولماي، پومېشچىكلار يەنىلا كۆپ قىسىم يەرنى ئىگىلىۋالدى، چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىمۇ ساقلاپ قېلىندى.
← بارلىق تېمىلار پۇرجۇئا ئىنقىلابى ۋە ئىسلاھاتى
روسىيىدىكى يانچىلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى | UyghurWiki | UyghurWiki