چۈش
پسىخولوگىيە
چۈش ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر خىل پسىخىكىلىق ھالەت.
ئادەم ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتى تولۇق تورمۇزلانمىغان، بەزى ئورۇنلار يەنىلا ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرغاندا چۈش كۆرۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ ياكى سىرتتىكى مەلۇم غىدىغلىغۇچىلار (مەسىلەن، ئاۋاز، نۇر، پۇراق قاتارلىقلار) بىزنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىمىزغا تەسىر كۆرسەتكەندىمۇ چۈش كۆرۈش ئەھۋالى كۆرۈلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا بايراملىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش مەنزىرىسىنى چۈشەش؛ يېمەكلىكلەرنىڭ مەززىلىك پۇرىقىنى پۇرىغاندا ئاشپۇزۇل ياكى ئۆيىدە تاماق يەپ چۈشەش. ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالار غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغاندىمۇ چۈش كۆرۈش مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇخلىغاندا قول كۆكرەكتە بولۇپ قالسا، تاش ياكى غەيرىي بىرنەرسىنىڭ ئادەمنى بېسىپ نەپەسنىڭ قىيىنلىشىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋالنى چۈشەش مۇمكىن؛ قىش كۈنلىرى ئۇخلىغاندا پۇت يوتقاننىڭ سىرتىغا چىقىپ قالسا، سۇ كېچىپ ماڭغان ياكى قاردا كېتىۋاتقان ئەھۋالنى چۈشەش مۇمكىن؛ ئۇخلىغاندا پۇت پۈكلىنىپ قالغان بولسا، ئۆزىنى بىرەرىنىڭ قوغلاۋاتقانلىقىنى، ھەرقانچە قىلىپمۇ مىدىرلىيالمايۋاتقانلىقىنى چۈشەش مۇمكىن؛ ۋەھاكازالار.
چۈش كۆرۈش چوڭ مېڭىنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ،ئەكسىچە مەلۇم ئالاھىدە ئاقسىل ئىشلەپچىقىرىشقا پايدىلىق بولۇپ، بۇ ئاقسىل ئارقىلىق سىرتتىن ۋە بەدەننىڭ ئۆزىدىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى توپلاش، رەتلەش، ساقلاشقا بولىدۇ؛ چۈش كۆرۈش كەيپىياتتىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى يوقىتىپ، ئادەمنىڭ پسىخىكىلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. چۈش كۆرۈش يەنە مەلۇم دەرىجىدە كېسەلدىن بېشارەت بېرىدۇ. كېسەل پەيدا بولۇشنىڭ دەسلىپىدە، چوڭ مېڭىگە ناھايىتى ئاز غىدىقلىنىش يېتىپ بارىدىغانلىقى، چوڭ مېڭە كۈندۈزى سىرتتىن كەلگەن خېلى كۈچلۈك نۇرغۇن غىدىقلاشلارنى قوبۇل قىلىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، بەدەندىكى كېسەل ئالامەتلىرىنى ۋاقتىدا سېزەلمەيدۇ. ئۇخلىغاندا بولسا، سىرتتىكى غىدىقلاشلار يوق دېيەرلىك بولغاچقا، كېسەل ئۆزگىرىشىنىڭ غىدىقلىشى چوڭ مېڭىنىڭ ماس ئورۇنلىرىدىكى ھۈجەيرىلەر ھەرىكىتىنى قوزغىتىپ، كېسەل ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قاباھەتلىك چۈشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئالايلۇق، بەدەن قايرىلىشى ياكى دارغا ئېسىلىش جازاسىنى چۈشەش، چۆچۈپ ئويغانغاندىن كېيىن يۈرىكىنىڭ ئېغىپ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىش بەلكىم يۈرەك سانجىقىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بولۇشى مۇمكىن؛ ئەگەر چۈشىدە كېتىۋېتىپ توساتتىن بىرىنىڭ كەينىدىن ئۆزىنى تەپكەنلىكى ياكى بېلىگە پىچاق ئۇرغانلىقى تۈپەيلىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ بېلىنىڭ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلسا، بەل ياكى بۆرەكتە يوشۇرۇن خەۋپ بارلىقىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن.
كىشىلەر چۈشىدە يەنە ئىجادىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىمۇ مۇمكىن. مېندېلېينىڭ چۈشىدە نۇرغۇن خىمىيىلىك ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋرىي شەكىلدە تىزىپ چىقىلغانلىقىنى كۆرۈشى ئۇنىڭ ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋېلىنى تۈزۈپ چىقىشىغا ئىلھام بولغان. گېرمانىيە خېمىكى كېكولى بېنزول مولېكۇلىسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلىپ زادىلا نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن، بىر كۈنى ئۇ چۈشىدە بىر يىلاننىڭ ئۆزىنىڭ قۇيرۇقىنى ئۆزى چىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان ھەمدە بېنزولنىڭ ھالقىسىمان تۈزۈلۈشىنى بايقىغان. كومپوزىتور تاجىن بىر قېتىم چۈشىدە ئۆزىنىڭ ئىسكىرىپكىسىنى ئالۋاستىنىڭ چېلىشىغا بەرگەنىكەن، ئالۋاستى ئىنتايىن يېقىملىق مېلودىيىلەرنى ياڭرىتىۋېتىپتۇ، ئۇ ئويغانغاندىن كېيىن، ئالۋاستى ئورۇندىغان مۇزىكىنى دەرھال خاتىرىلىۋېلىپ، دۇنياغا كەڭ تارقالغان «ئالۋاستى ناخشىسى» نى ئىجاد قىلغان. توغرا، «توخۇ دان چۈشەپتۇ» دېگەندەك، يۇقىرىقىدەك ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كېلىشى پۈتۈنلەي كۈندىلىك ئىجادىي ئەمگەك ئاساسىغا قۇرۇلغان، ئەلۋەتتە.