UyghurWiki
UyghurWikiپسىخولوگىيەپسىخولوگىيىنىڭ قوللىنىلىشى

پسىخولوگىيىنىڭ قوللىنىلىشى

پسىخولوگىيە ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدا مۇئەييەن پسىخىكىلىق ھادىسىلەر ۋە پائالىيەت قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ، بۇلارنى پسىخولوگىيە ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ بالىلار پسىخولوگىيىسى، مائارىپ پسىخولوگىيىسى ۋە جەمئىيەت پسىخولوگىيىسى قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان پەنلەردۇر. بالىلار پسىخولوگىيىسى بالىلار پسىخىكىسىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتىنى، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ھەرقايسى ياش باسقۇچلىرىدىكى پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئالايلۇق، بالىلار قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ لوگىكىلىق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش قابىلىيىتىنى ھازىرلايدىغانلىقى، باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ كەيپىيات، ھېسسىياتىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدىغانلىقى، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە قانداق مەسىلىلەرنىڭ ئاسان كېلىپ چىقىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ. مائارىپ پسىخولوگىيىسى مەكتەپلەرنىڭ تەلىم - تەربىيە جەريانىدىكى پسىخىكىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنىيىتىنى، مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتابىي بىلىملەرنى قانداق ئىگىلىشى لازىملىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسى بىلەن ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ قانداق مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلىقى، تەكرار قىلىشنىڭ قانداق ياخشى ئۇسۇللىرىنىڭ بارلىقى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ. جەمئىيەت پسىخولوگىيىسى شەخسلەر بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىدىكى پسىخىكىلىق ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. مەسىلەن، ھەمراھلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قانداق قىلغاندا ياخشى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ، ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك، قانداق قىلغاندا ئۆزىنى كوللېكتىپ ۋە جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ ۋە باشقىلار. تېببىي پسىخولوگىيە پسىخىكىلىق ئامىللارنىڭ كېسەللەرنىڭ پەيدا بولۇشى، كېسەللەرگە دىئاگنۇز قويۇش، كېسەللەرنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىشتىكى رولىنى تەتقىق قىلىدۇ. مەسىلەن، زىيادە ئەندىشىنى قانداق يەڭگىلى بولىدۇ، قايغۇ - ھەسرەتنى قانداق يوقاتقىلى بولىدۇ، دوختۇر بىلەن بىمار قانداق قىلغاندا ئىناق مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ، ۋەھاكازالار. پسىخولوگىيە يەنە ئەمگەك پسىخولوگىيىسى، ھەرىكەت پسىخولوگىيىسى، ئەدەبىيات - سەنئەت پسىخولوگىيىسى، ھەربىي ئىشلار پسىخولوگىيىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلار ئوخشىمىغان ساھەلەردە ئۆزلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. پسىخولوگىيە يەنە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى مۇئەييەن ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن، كىشىلەرنىڭ ئىقتىدار ئالاھىدىلىكىنى سىناپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان كەسىپنى تاللىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، كىشىلەرنىڭ ئەقلىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى بېكىتىش، پسىخىكىلىق ساغلاملىقىغا دىئاگنۇز قويۇش، مۇناسىپ يېتەكلەش تەدبىرلىرى بىلەن تەمىنلەش.
← بارلىق تېمىلار پسىخولوگىيە