ئۇخلاشنىڭ رولى
پسىخولوگىيە
ئۇخلاش ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ يەنە پسىخىكىلىق پائالىيەتلەردە كەم بولسا بولمايدۇ. ھەرقانداق ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئۇيقۇچانلىق پسىخىكىلىق پائالىيەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.1966
- يىل8 - ئايدا، ياپونىيىنىڭ توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى23 ياشلىق بىر ئوغۇل بالىنى101 سائەت8 مىنۇت30 سېكۇنت (تۆت كۈندىن كۆپرەك) «ئۇخلاش ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش» تەجرىبىسى ئىشلەپ، نۇرغۇن قىممەتلىك ماتېرىياللارغا ئېرىشكەن. تۆت كۈندىن كۆپرەك ئۇيقۇسىزلىق مەزگىلىدە، بۇ ياشنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى، قان بېسىمى، يۈرەك رىتىمى، نەپەسلىنىشى قاتارلىق فىزىئولوگىيىلىك كۆرسەتكۈچلىرىنى ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھېچقانداق روشەن ئۆزگىرىش بولمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشتىھاسىمۇ ئۇدا ئىنتايىن ياخشى بولغان، ھەتتا تەجرىبە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى ئەكسىچە5 .1 كىلوگرام ئېشىپ كەتكەن. بىراق، ئۇنىڭ پسىخىكىلىق ئىقتىدارى روشەن تەسىرگە ئۇچرىغان. ئۇ ئۇخلاشنى توختىتىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالغان، ھەر خىل خاتا ۋە خىيالىي تۇيغۇلار چىرمىۋېلىپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان. بۇنىڭدىن ئۇيقۇنىڭ پسىخىكىلىق پائالىيەتلەرنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى ھۆجەيرىلەرنىڭ زەئىپلىشىشى ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى توسۇپ، سەگەك چاغدا سەرپ بولغان نېرۋا توقۇلمىلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تولۇقلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نورمال پسىخىكىلىق پائالىيەتلەرگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ۋاھالەنكى، ئۇخلاش ۋاقتى قانچە ئۇزاق بولسا شۇنچە ياخشى بولىۋەرمەيدۇ. ئۇيقۇ كونتروللۇقىنى يوقاتسا ياكى ھەددىدىن ئارتۇق ئۇيقۇچان بولۇپ كەتسە، مېڭە نېرۋا ھۈجەيلىرىنىڭ ھاياجانلىنىش ۋە تورمۇزلىنىش تەڭپۇڭلۇقى يوقىلىپ، ئوخشاشلا نورمال پسىخىكىلىق پائالىيەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئالىملار ئۇخلاش بىلەن سەگەكلىكنىڭ ئالمىشىشى قانۇنىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى «بىئولوگىيىلىك سائەت» تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇڭا، ئۇخلاش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن دەم ئېلىش، خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ئادەمنىڭ جىسمانىي ۋە پسىخىكىلىق ساغلاملىقىغا پايدىلىق.