UyghurWiki
UyghurWikiپسىخولوگىيەجىددىي ئەھۋالغا ماسلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى

جىددىي ئەھۋالغا ماسلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى

پسىخولوگىيە جىددىيچىلىكتە ئەقىلگە كېلىش — كاللىسى سەگەك بولۇش، ھەرىكىتى توغرا بولۇش، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىكى بارلىق كۈچ - قۇۋۋەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلەيدىغان بولۇش، ئادەتتە قايتۇرغىلى بولمايدىغان ئىنكاسنى قايتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن،1976 - يىل7 - ئاينىڭ28 - كۈنى سەھەردە تاڭشەندە قاتتىق يەر تەۋرىگەندە، ئازادلىق ئارمىيە مەلۇم قىسمىنىڭ دىجورنى تېلېفونچىسى گاۋ دوڭلى شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ باشلىقىغا، قوماندانلىق ئورنىغا ۋە مەلۇم ئايرودرومنىڭ تېلېفون باش ئاپپاراتىغا چاقماق تېزلىكىدە تېلېفون بەرگەن ھەمدە تېلېفوننى بېيجىڭغا ئۇلىغان. گاۋ دوڭلى تېلېفوننى11 - قېتىم ئۇلىغاندا پۈتۈن بىر بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، خىزمەت ئورنىدا قۇربان بولغان. ھاڭۋېقىپ قېتىپ قېلىش — پۇت - قوللىرى قولاشماي قېلىش، قالايمىقانلىشىپ كېتىش بۇنىڭ يەنە بىرخىل ئىپادىسى. مەسىلەن،1983 - يىل10 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كېچىسى، سەندۇڭنىڭ خېزې رايونىدا5 .4 بال يەر تەۋرىگەندە، ئەتراپىدىكى بەزى شەھەرلەر تەسىرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق بۇزغۇنچىلىق ۋە زىيان كۆرۈلمىگەن. بىراق، ئۇيقۇدىكى بەزى ئوقۇغۇچىلار چۆچۈپ ئويغانغاندىن كېيىن، ئالاقزادىلىك ئىچىدە بىنادىن سەكرەپ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ مېڭىسى قاتتىق سىلكىنىش، ئۇستىخانلىرى سۇنۇش ھادىسىلىرى كۆرۈلگەن. جىددىي ئەھۋالغا ماسلىشىش ھالىتى كىشىنى »جىددىي ئەھۋالدا ئەقىلگە كەلتۈرۈش« ئارقىلىق پائالىيەت ئۈنۈمى بىلەن ماسلىشىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، پائالىيەتنى تېخىمۇ ئاكتىپلاشتۇرغىلى، كاللىنى تېخىمۇ سەگەكلەشتۈرگىلى بولىدۇ، بىراق جىددىي ئەھۋالغا ماسلىشىش ھالىتىدە ئۇزاق ۋاقىت تۇرغاندا، سالامەتلىككە زىيانلىق. پسىخولوگلار ھايۋانلار ئۈستىدە مۇنداق تەجرىبە ئىشلىگەن: ئوت يەۋاتقان قوينىڭ يېنىغا بىر بۆرىنى باغلاپ قويغاندا، قوي توساتتىن پەيدا بولغان بۆرىدىن قورقۇپ ئالاقزادە بولۇپ، قاتتىق جىددىيلىشىپ كەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ قوي ئۆلۈپ قالغان. جىددىي ئەھۋالغا ماسلىشىشنى مەشىق قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ كېچىلىك جىددىي يىغىلىشى، ئوت ئۆچۈرۈش جەڭچىلىرىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىددىي ئەھۋالغا ماسلىشىش مەشىقىگە كىرىدۇ. مانېۋىر مەشقى ئارقىلىق ئۇلار ئۇرۇش مەيدانىدا ياكى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى تەمكىنلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئىرادىسى كۈچلۈك، ھۇشيارلىقى ئۈستۈن، ھەرىكىتى چاققان، بىرەر ئىشقا يولۇقسا تەمتىرىمەيدىغان ئادەملەرنىڭ جىددىي ئەھۋالغا ماسلىشىش ھالىتى جەزمەن بىرقەدەر ياخشى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پسىخولوگىيە
جىددىي ئەھۋالغا ماسلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى | UyghurWiki | UyghurWiki