رول ئېلىش
پسىخولوگىيە
«رول ئېلىش» دېگەن بۇ ئاتالغۇ درامىدىن كەلگەن بولسىمۇ، بىراق كىشىلىك جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر سەھنىدىكى ئىجتىمائىي درامىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەربىر ئادەممۇ بۇ درامىدا بىر خىل ياكى بىرنەچچە خىل پېرسوناژنىڭ رولىنى ئالىدۇ، بۇ، پسىخولوگىيىدە ئىجتىمائىي پېرسوناژ، دېيىلىدۇ، يەنى بۇ كىشىلەرنىڭ ئائىلە ياكى جەمئىيەتتىكى سالاھىيىتى، ئورنى ياكى ۋەزىپىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بىر ئائىلىدە ئاتا- ئانا، ئاكا - ئۇكا، ئىگىچە - سىڭىل قاتارلىقلار بولىدۇ؛ مەكتەپتە مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بولىدۇ؛ زاۋۇتتا زاۋۇت باشلىقى، سېخ مۇدىرى ۋە ئىشچىلار بولىدۇ، ۋەھاكازالار.
خۇددى درامىدىكى پېرسوناژلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇقامى، چىرايى، كىيىمى ۋە ئورۇنداش تەرتىپى بولغىنىدەك، ھەربىر ئىجتىمائىي پېرسوناژنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسى ۋە ئۆلچىمى بولىدۇ. ئۇ بىر ئادەمنىڭ مەلۇم بىر ئورۇندىكى پائالىيەت دائىرىسى، ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى، بەھرىلىنىدىغان ھوقۇقى، ھەرىكەت شەكلى، ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. بۇنداق ھەرىكەت ئەندىزىسى ۋە ئۆلچىمى مۇئەييەن تارىخىي مەزگىل ۋە ئىقتىسادىي شارائىتتا پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇنى جەمئىيەت قانۇنى، ئەخلاق، قائىدە - تۈزۈم ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئورتاق بەلگىلىگەن. بىر ئادەم مەلۇم بىر خىل ئىجتىمائىي پېرسوناژنىڭ رولىنى ئالغانىكەن، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا شۇ پېرسوناژنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمى بويىچە تەلەپ قويىدۇ. ئەگەر سىز پرىكازچىك بولسىڭىز، خېرىدارلار سىزدىن مۇلازىمەتتە قىزغىن، سەۋرچان، ئەتراپلىق بولۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ؛ ئەگەر سىز ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز، ئوقۇغۇچىلار سىزدىن ئۇلارغا غەمخورلۇق، يېقىنچىلىق قىلىشىڭىزنى، ئۇلارنى قىزغىن سۆيۈشىڭىزنى، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە نىسبەتەن ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇشىڭىزنى، مول بىلىمگە ۋە يۇمۇرىستىك تىلغا، سالاپەتلىك قىياپەتكە ئىگە بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىر كىشى مەلۇم بىر خىل ئىجتىمائىي پېرسوناژنىڭ رولىنى ئالىدىغانلا بولسا، ئۇنىڭ ھامان ئاستا - ئاستا، بىلىپ - بىلمەي شۇ پېرسوناژغا قويۇلىدىغان تەلەپ بويىچە ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس.
دۇنيادىكى كىشىلەردە قانچىلىك پەرق بولسا، شۇنچىلىك رول تىپى بولىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا تېزدىن ماسلىشىش ئۈچۈن، ئۆزى ئالىدىغان رولنى، شۇنداقلا شۇ پېرسوناژنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسى ۋە ئۆلچىمىنى بىلىشى ۋە ئۇنى تەھلىل قىلىشى، ئاشۇ پېرسوناژنىڭ رولىنى دەل جايىدا ئېلىشى، ھاياتلىق سەھنىسىنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇشى كېرەك.
ھازىر، رول ئېلىش بىر خىل تېخنىكا سۈپىتىدە ھەرقايسى ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا، مەسىلەن، مەكتەپلەر مائارىپىدا، ناچار ئوقۇغۇچىلار تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «يېتەكچىسى» گە بەلگىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان قارىشى ئۆزگەرتىلمەكتە، ئىشەنچىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئەقلىي تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.