بېشارەتنىڭ كۈچى
پسىخولوگىيە
بېشارەت دېگىنىمىز ئادەم ياكى مۇھىتنىڭ ئېنىقسىز ئۇسۇللاردا بىزگە چىقارغان ئۇچۇرى، بىزنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنىڭ تەسىرىنى ئاڭسىز قوبۇل قىلىپ، ماس ھەرىكەت ئىنكاسى قايتۇرۇشىمىزدىكى پسىخىكىلىق ھادىسە. بۇ، سۇبيېكتىپ ئارزۇ تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدىغان بىر خىل قىياس، ئۇنىڭ ئاساسى بولۇشى ناتايىن. بىراق، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى سۇبيېكتىپ جەھەتتىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكتىن، پسىخىكىلىق جەھەتتىن ئۇنىڭغا مايىللىق پەيدا بولىدۇ. بېشارەت ئاكتىپ رول ئوينىشىمۇ، پاسسىپ رول ئوينىشىمۇ مۇمكىن.
بېشارەتنىڭ ئاكتىپ رولى ئۇنىڭ بەزى پسىخىكىلىق كېسەللەرنى داۋالىيالىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيىنىڭ ئالدىنقى سەپ ئۇرۇش مەيدانىدا بومبا پارتلىغاندا قاتتىق چۆچۈشتىن بولىدىغان پسىخىكىلىق ۋەھىمە كېسەللىكى «بومبا كېسەللىكى» كۆپەيگەن. ئېغىرلىرىنىڭ قول - پۇتلىرى پالەچ بولۇپ قالغان. بۇ كېسەللىكنىڭ دورىسىنىڭ بولمىغانلىقى ئەنگلىيە دائىرىلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرغان. بۇ ۋاقىتتا، پسىخولوگلار ئۇرۇش مەزگىلىدىكى داۋالاشقا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ بىر خىل «پسىخىك كېسەللىك» ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھەمدە بىمارلارنى بېشارەت پسىخىكىسى بىلەن داۋالىغان: پۇتىنىڭ سېزىمى بولمىغان ئەسكەرلەرنىڭ تىزىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن بىرنەچچە سۇڭ كېلىدىغان ئورۇنغا قېرىنداش قەلەم بىلەن دۈگىلەك سىزىپ، بىمارغا مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەلەپپۇزىدا دۈگىلەكنىڭ تۆۋەن تەرىپىنىڭ ئەتە جەزمەن ئەسلىگە كېلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. دېگەندەكلا ئىككىنچى كۈنى ئەسكەرلەرنىڭ ئاشۇ يېرىدىكى سېزىم ئەسلىگە كەلگەن، دۈگىلەكنىڭ ئورنىنى كۈندىن - كۈنگە يۇقىرى ئۆرلىتىپ، ئەسكەرلەر پۈتۈنلەي ساقايغىچە داۋاملاشتۇرۇلغان. بۇ مەشھۇر «مېدگا بېشارەتلىك داۋالاش تېخنىكىسى» تېببىي ئىلىم ساھەسىدە ھازىرمۇ كەڭ قوللىنىلماقتا.
بېشارەت يەنە پسىخىك يوشۇرۇن قابىلىيەتنى قېزىپ چىقىرىدۇ. ئادەمنىڭ پسىخىك يوشۇرۇن قابىلىيىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ، ئەستە ساقلاشنى مىسالغا ئالساق، ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى تولۇق جارى قىلدۇرۇلسا، ئۇ ئەستە ساقلىيالايدىغان مەزمۇن500 مىليون پارچە كىتابتىكى بىلىمنىڭ ئومۇمى مىقدارىغا يېتىدۇ. بەزىلەر مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن: ئوقۇغۇچىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ، ئۇلارغا بىر كۇپلېت شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدۇرغان. بىرىنچى گۇرۇپپا دېكلاماتسىيە قىلىشنىڭ ئالدىدا، ئوقۇتقۇچى ئۇلارغا بۇنىڭ ئاتاقلىق شائىرنىڭ شېئىرى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان (بۇنىڭ ئۆزى بىر خىل بېشارەت)؛ ئوقۇتقۇچى يەنە بىر گۇرۇپپىغا بۇ شېئىرنى كىمنىڭ يازغانلىقىنى ئېيتمىغان. دېكلاماتسىيىدىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلاردىن دەرھال يادقا يېزىشنى تەلەپ قىلغان، نەتىجىدە، بىرىنچى گۇرۇپپىنىڭ ئەستە ساقلاش ئۈنۈمى6 .56 پىرسەنت، ئىككىنچى گۇرۇپپىنىڭ ئەستە ساقلاش ئۈنۈمى1 .30 پىرسەنت بولغان. بۇ، بېشارەتنىڭ كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
بېشارەتنىڭ پاسسىپ رولىمۇ بولىدۇ. بىر ئادەم توساتتىنلا توڭلىتىش ئۆيىگە قامالسا، دەسلىپىدە ئانچە ئېرەن قىلمايدۇ، سوغۇقمۇ ھېس قىلىپ كەتمەيدۇ، كېيىن ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ «توڭلىتىش ئۆيى» دېگەن خەتلەرنى كۆرگەن ھامان، ئەمەلىيەتتە توڭلىتىش ماشىنىسى تېخى ھەرىكەتلەندۈرۈلمىگەن بولسىمۇ پسىخىك جەھەتتىن جىددىيلىشىپ، ئويلىغانسېرى قورقىدۇ، ئويلىغانسېرى مۇزلايدۇ، ئاخىرىدا، ئالاقزادىلىك ئىچىدە ئۆلۈپ قالىدۇ. بۇ ئۆز - ئۆزىگە بېشارەت بېرىش رولى ئوينىغان تراگېدىيىلىك ئاقىۋەت. تېببىي خادىملارنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن قىلغان سۆز ياكى ھەرىكەتلىرىمۇ بىمارلارغا پاسسىپ بېشارەت بېرىپ قويىدۇ. بىر ياش ئايال يالغۇز پەرزەنت بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئەركە بېقىلغانىكەن، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئېرى كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن قاتتىق قايغۇرۇپ يۈرگەن ھەمدە يۈرىكىنىڭ بىنورمال سوقۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان، دوختۇرغا كۆرۈنگەندە دوختۇر ئۇنىڭغا كۆڭلى - كۆكسىنى كەڭ تۇتمىسا «روھىي كېسەللىك» كە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ يېنىدىلا روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى بولۇپ، ئۇ كۈندە ئىشقا بېرىش - كېلىشتە روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنى كۆرۈپلا دوختۇرنىڭ «روھىي كېسەللىككە دۇچار بولىسەن» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئالغان، كېيىن ئۇ دېگەندەك روھىي كېسەلگە دۇچار بولۇپ قالغان. بۇ، تېببىي ئىلىمدە دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئەھۋال بولۇپ، «تېببىي مەنبەلىك كېسەللىك» دېيىلىدۇ.
بېشارەتنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىش كىشىلەرنىڭ پسىخىك يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى قېزىپ، پسىخىك ساغلاملىقنى ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.