UyghurWiki
UyghurWikiپسىخولوگىيەخىسلەت ۋە «مىجەز»

خىسلەت ۋە «مىجەز»

پسىخولوگىيە خىسلەت بىر ئادەمنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلەردە ئىپادىلىگەن تىپىك، مۇقىم ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ پائالىيىتىنى قويۇق شەخس تۈسىگە ئىگە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ پسىخىكىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ سۈرئىتى، مۇقىملىقى، كۈچلۈكلۈكى ۋە پسىخىكىلىق پائالىيەتنىڭ يۈزلىنىشچانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى5 - ئەسىردە، قەدىمكى يۇنان تېببىي ئالىمى شىبكىراد كۆزىتىش جەريانىدا، ئادەم بەدىنىدە تۆت خىل ئوخشىمايدىغان خىلىت − قان، بەلغەم، ئۆت ۋە قارا ئۆتنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئۇلار ئادەمنىڭ تۆت خىل ئوخشىمىغان خىسلىتى، يەنى كۆپ قانلىق مىجەز، بەلغەم مىجەز، كۆپ ئۆتلۈك مىجەز ۋە سەپرا مىجەز قاتارلىقلارنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ خىل تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتىدۇ. كۆپ قانلىق مىجەز كىشىلەر جانلىق، ھەرىكەتچان، سەزگۈر، ئىنكاسى تېز، باشقىلار بىلەن باردى - كەلدى قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كېلىدۇ، بىراق، دىققىتى ئاسان چېچىلىدۇ، قىزىقىشى ئاسان ئۆزگىرىدۇ، تاشقى مىجەزلىك خاراكتېرگە ئىگە بولىدۇ، يەن چىڭ مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ. بەلغەم مىجەز كىشىلەر تىنچ، تەمكىن، جىمىغۇر، ئىنكاسى ئاستا، سەۋرچان، مۇتەئەسسىپرەك، سىرىنى ئاشكارىلىمايدىغان، ئىچكى مىجەز كېلىدۇ، لىن چۇڭ مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ. كۆپ ئۆت مىجەز كىشىلەر قىزغىن، تۈز كۆڭۈل، سەزگۈرلۈكى تۆۋەن، تېرىككەك، كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان، تاشقى مىجەز كېلىدۇ، لى كۈي مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ. سەپرا مىجەز كىشىلەر تەرسا، تەنھا، ھەرىكىتى ئاستا، روھىي كەچۈرمىشى چوڭقۇر، باشقىلار ئاسان بايقىيالمايدىغان نەرسىلەرنى سېزىۋېلىشقا ماھىر، ئىچكى مىجەز كېلىدۇ، لىن دەييۈ مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ. رېئال تۇرمۇشتا، نوقۇل بىرلا مىجەزگە مەنسۇپ ئادەملەر كۆپ ئۇچرىمايدۇ، كۆپىنچە ئادەملەر مۇشۇ تۆت تىپنىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ. خىسلەت كىشىلەرنىڭ تۇغما ساپاسى ئاساسىدا، ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرى، كېيىنكى تۇرمۇش شارائىتىنىڭ تەسىرى جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللىنىدۇ. خىسلەت تىپىنى ياخشى، يامان دەپ ئايرىغىلى بولمايدۇ، ھەرقانداق بىر خىسلەتنىڭ ياخشى تەرىپىمۇ، يامان تەرىپىمۇ بولىدۇ. ئوخشىمىغان خىسلەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، روسىيىنىڭ ئاتاقلىق تۆت يازغۇچىسى پۇشكىن، گېرىتسېن، كىرولوف، گوگۇل قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۆپ ئۆتلۈك مىجەز، كۆپ قانلىق مىجەز، بەلغەم مىجەز ۋە سەپرا تىپلىرىغا مەنسۇپ. خىسلەت گەرچە كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالمىسىمۇ، بىراق ئۇ كىشىلەرنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئۆزىنىڭ خىسلەت تىپىنى ئېنىق بىلىش پائالىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا، ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلىشقا پايدىلىق.
← بارلىق تېمىلار پسىخولوگىيە