ئادەمدىكى پسىخىكىلىق ھادىسىلەر
پسىخولوگىيە
فرانسىيىلىك ئەدىب ھيۇگو: »دۇنيادا دېڭىز - ئوكيان ھەممىدىن كەڭ، ئاسمان دېڭىز - ئوكياندىنمۇ كەڭ، ئادەمنىڭ كۆڭلى - كۆكسى ئاسماندىنمۇ كەڭ« دىگەنىدى. پسىخولوگىيە دەل ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.
ئىلىم - پەن قالاق ئەھۋالدا تۇرغان ئەينى چاغلاردا، كىشىلەر دائىم ئادەم بەدىنىنىڭ پسىخىكىلىق پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق پائالىيەتلەرنى روھ كونترول قىلىپ تۇرىدۇ، دەپ قارىغانىدى. كېيىنچە كىشىلەر تەدرىجىي ھالدا پسىخىكىلىق ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى روھنىڭ پائالىيىتى بولماستىن، بەلكى بەدەندىكى مەلۇم ئەزالارنىڭ پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ، بىراق كىشىلەر دەسلىپىدە يەنىلا يۈرەكنى پسىخىكىلىق پائالىيەت ئەزاسى، دەپ قاراپ كەلگەچكە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا پسىخىكىلىق ھادىسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆڭۈل (قەلب) سۆزىنى قوشۇپ كەلگەن، مەسىلەن، «كۆڭۈلدە سان بولۇش» قاتارلىقلار. ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئاخىر مېڭىنىڭ پسىخىكىلىق پائالىيەت ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، پسىخىكا مېڭىنىڭ فونكسىيىسى ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي بىلىپ يەتتى.
ئۇنداقتا، پسىخىكىلىق ھادىسە ئادەمنىڭ مېڭىسىدە قانداق پەيدا بولىدۇ؟ ئوبيېكتىپ شەيئىلەردىن كەلگەن ئۇچۇرلار ئادەمنىڭ كۆزى، قۇلىقى، ئاغزى، بۇرنى، بەدىنى قاتارلىق سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق مېڭىگە كىرگەندىن كېيىن، مېڭە بۇ ئۇچۇرلارنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، بۇيرۇق چىقىرىپ، ئادەمنىڭ مەلۇم ئىنكاسلارنى چىقىرىشىغا، پسىخىكىلىق ھادىسە پەيدا قىلىشىغا قوماندانلىق قىلىدۇ. ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى خام ماتېرىيالغا، ئادەم مېڭىسىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ.
توغرا، ئادەمدە پسىخىكىلىق ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى زاۋۇتنىڭ خام ماتېرىياللارنى پىششىقلاپ ئىشلىگىنىگە قارىغاندا كۆپ مۇرەككەپ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېڭە توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات يەنىلا تەرەققىيات جەريانىدا تۇرغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئادەم مېڭىسىنىڭ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىغا بولغان تونۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ بارىدۇ.