UyghurWiki
UyghurWikiپسىخولوگىيەپسىخولوگىيىنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى

پسىخولوگىيىنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى

پسىخولوگىيە پسىخولوگىيە ئادەمدىكى پسىخىكىلىق ھادىسىلەرنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پائالىيەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. پسىخىكىلىق ھادىسىلەر خىلمۇخىل بولىدۇ، پسىخولوگلار ھامان ئالدى بىلەن ئۇنى تۈرلەرگە ئايرىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىكى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. مەكتەپتىن ئۆيگە قايتقىنىڭىزدا يولدا بىرەر تونۇش ئادەم ئۇچراپ قالسا، سىزدە شۇ ھامان ئۇنى تونۇش سېزىمى پەيدا بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئېگىزلىكى، كىيىم - كېچەكلىرى ۋە مېڭىش قىياپىتى قاتارلىق ئومۇمىي ئالاھىدىلىكلىرىگە دىققەت قىلغىنىڭىزدا، سىز ئالدى بىلەن تۇيغۇ باسقۇچىغا كىرىسىز؛ ئۇنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىڭىزدا، سىز خاتىرىڭىزنى ئىشقا سالغان بولىسىز؛ سىز «ئوقۇتقۇچۇم نېمىشقا بۇ يولدا ماڭغاندۇ» دەپ ئويلىغىنىڭىزدا، سىز تەپەككۇر قىلىۋاتقان بولىسىز؛ سىز: ئوقۇتقۇچۇم كوچىغا نەرسە - كېرەك سېتىۋالغىلى چىققاندۇ ياكى بىرەرىنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىشقا ماڭغاندۇ، دەپ قىياس قىلىغىنىڭىزدا، سىز تەسەۋۋۇر قىلىۋاتقان بولىسىز. مانا مۇشۇ خىل ھېس قىلىش، تۇيغۇ، خاتىرە، تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرنى بىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، پسىخولوگلار ئۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ بىلىش جەريانى، دەپ ئاتايدۇ. توغرا، كىشىلەر بىلىش جەريانىدا، باشتىن - ئاخىر «دىققەت» تىن ئىبارەت بۇ پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكتىن ئايرىلالمايدۇ. سىز ئىلگىرى دەرسخانا ئىنتىزامىغا رىئايە قىلماي، ئاشۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغىنىڭىزنى يادىڭىزغا ئالغىنىڭىزدا، سىزنىڭ خىجىللىق ھېس قىلىشىڭىزنىڭ ئۆزى بىر خىل ھېسسىيات جەريانى. ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغىنىڭىزدا، قىيىنچىلىقلاردىن قورقماي، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئاخىر مەسىلىنى ھەل قىلغىنىڭىزدا، سىز پسىخىكا جەھەتتە بىر خىل ئىرادە جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن بولىسىز. پسىخولوگلار بىلىش جەريانى، ھېسسىيات جەريانى ۋە ئىرادە جەريانىنى ئومۇملاشتۇرۇپ پسىخىك جەريان، دەپ ئاتايدۇ، چۈنكى ئۇلار پسىخىكىلىق ھادىسىنى پەيدا قىلىدىغان ئومۇمىي جەريان ھېسابلىنىدۇ. ئادەمدە پسىخىكىلىق جەريان پەيدا بولغاندا، ھامان ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ھەربىر كىشىنىڭ ئوخشىمىغان پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى، يەنى خاس پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادىلەيدۇ، مەسىلەن، قىزىقىش - ياقتۇرۇش، قابىلىيەت، مىجەز - خۇلق، خاراكتېر قاتارلىقلار. كونىلاردا «ئادەمنىڭ قىلىقى مىجەزىگە بېقىپ بولىدۇ» دېگەن گەپ بار. ئادەملەرنىڭ پسىخىكىلىق ئەھۋالى بىر - بىرىگە ئوخشىمىغاچقا، ئۇلارنىڭ قىزىقىشى - ياقتۇرۇشى، قابىلىيىتىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىز بولۇشى، يۈرۈش - تۇرۇش، گەپ - سۆزلىرى ۋە سالاپەتلىرى بىر - بىرىگە ئوخشاشمايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى بولۇپ، ئۇ پسىخىكىلىق جەريان بىلەن بىرلىشىپ، پسىخولوگىيىنىڭ تەتقىقات مەزمۇنىنى شەكىللەندۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار پسىخولوگىيە
پسىخولوگىيىنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى | UyghurWiki | UyghurWiki