UyghurWiki
UyghurWikiپسىخولوگىيەئاڭلىقلىق ۋە ئاڭسىزلىق

ئاڭلىقلىق ۋە ئاڭسىزلىق

پسىخولوگىيە ئادەمنىڭ پسىخىكىلىق پائالىيىتىنى ئاڭنىڭ بولۇش - بولماسلىقىغا قاراپ ئاڭلىق پسىخىكىلىق پائالىيەت ۋە ئاڭسىز پسىخىكىلىق پائالىيەت، دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. ئاڭلىق پسىخىكىلىق پائالىيەتنى چۈشىنىش ئاسانراق. مەسىلەن، ئاڭلىق (مەقسەتلىك) كۆرۈش، ئاڭلاش، پىكىر يۈرگۈزۈش، تەسەۋۋۇر قىلىشلار كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىدا دائىملا بولۇپ تۇرىدىغان پسىخىكىلىق پائالىيەت ئەمەس. ئادەمدە يەنە بىر خىل ئاڭسىز پسىخىكلىق پائالىيەت بولىدۇ. مەسىلەن، كىچىك ۋاقتىڭىزدا ئاتىڭىز بىلەن ئانىڭىز سىزنى كوچىغا ئوينىغىلى ئېلىپ چىققاندا،ئۆيگە قايتىش يولىنى ئېسىڭىزدە ساقلاش توغرۇلۇق قايتا - قايتا جېكىلەيدۇ، سىزمۇ يول بويىدىكى بەلگىلەرنى −ــــ يىراقتىراق بىر قەنت - گېزەك دۇكىنىنىڭ بارلىقىنى، دۇكاننىڭ نېرىسىدىراق بىر ئىستولبىنىڭ بارلىقىنى، ئىستولبىنىڭ يەنە نېرىسىدىراق تۆت كوچىنىڭ بارلىقىنى، سول تەرەپكە بۇرۇلسا باغچىغا بارغىلى بولىدىغانلىقىنى ... كۆڭۈل قويۇپ ئېسىڭىزدە تۇتىسىز، بىراق سىز سەل چوڭ بولغاندىن كېيىن، مەيلى مەكتەپكە بېرىڭ ياكى ئۆيگە قايتىڭ يولدىكى بەلگىلەرنى قايتا كۆڭۈل قويۇپ ئويلاپ ئولتۇرمايسىز، خۇددى پۇتىڭىزنىڭ كۆزى باردىكىدەك بۇرۇلىدىغان يەردە بۇرۇلىسىز - دە، مەكتەپكە ياكى ئۆيىڭىزگە بىلىپ - بىلمەيلا بېرىپ قالىسىز. ئۆيگە قايتىش يولىنى بىلىپ - بىلمەي ئاڭقىرىشتەك بۇ خىل پسىخىك پائالىيەت بىر خىل ئاڭسىز پسىخىك پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە »ئىختىيارسىز« پسىخىكىلىق پائالىيەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاڭسىز پسىخىكىلىق پائالىيەتلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇ كىشىلەردىن ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، شۇڭا جىددىي پسىخىكىلىق پائالىيەتلەردىن كېيىنكى چارچاشنى يەڭگىللىتىپ، كىشىگە ئارام بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پسىخولوگىيە
ئاڭلىقلىق ۋە ئاڭسىزلىق | UyghurWiki | UyghurWiki