خاراكتېرنىڭ تىپلىرى
پسىخولوگىيە
ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەرنى ئەستايىدىل كۆزەتسەك، بەزى ئادەملەرنىڭ ئاق كۆڭۈل، يېقىملىق، بەزىلەرنىڭ ۋەھشىي، زومىگەر؛ بەزى ئادەملەرنىڭ سەمىمىي، ئوچۇق - يورۇق، بەزى ئادەملەرنىڭ ساختىپەز، قۇۋ؛ بەزى ئادەملەرنىڭ قىزغىن، جانلىق، بەزى ئادەملەرنىڭ سوغۇق، جىمغۇر؛ بەزى ئادەملەرنىڭ تىنچ، ئېھتىياتچان، يەنە بەزى ئادەملەرنىڭ ئالدىراقسان، قوپال كېلىدىغانلىقىنى بايقايمىز، ئادەملەرنىڭ بۇنداق ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلىرى پسىخولوگىيىدە خاراكتېر، دېيىلىدۇ.
خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ئاساسەن مۇنداق ئىككى تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:بىرىنچىسى، رىئاللىققا بولغان پوزىتسىيە بولۇپ، ئۇ كوللېكتىپ، جەمئىيەت ۋە باشقىلارغا تۇتىدىغان پوزىتسىيە، ئەمگەك، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە تۇتىدىغان پوزىتسىيە، ئۆزىگە بولغان پوزىتسىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جەھەتتىكى ياخشى خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرى ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، كوللېكتىپنى قىزغىن سۆيۈش، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش، تۈز، ئاددىي - ساددا، تىرىشچان، كەمتەر، پۇختا، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئەستايىدىل بولۇش جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. ئىككىنچىسى، دائىملىق قىلمىش شەكىللىرى بولۇپ، ئۇ خاراكتېرنىڭ ئەقلىي ئالاھىدىلىكى، مەسىلەن، كۆزىتىشكە ماھىر بولۇش، نەزىرى ئۆتكۈر بولۇش، تەسەۋۋۇرغا باي بولۇش، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەستايىدىل، ئىنچىكە بولۇش قاتارلىق خاراكتېرنىڭ ئىرادە ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ خىل ئالاھىدىلىك تەشەببۇسكار، ئاڭلىق، قەيسەر، كەسكىن بولۇش، تەمكىنلىك بىلەن ئۆزىنى تىزگىنلىيەلەيدىغان بولۇش، سىجىللىققا ئىگە بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. خاراكتېرنىڭ كەيپىيات ئالاھىدىلىكى روھىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇشى، كەيپىياتىنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى، كۆڭۈل شاد - خۇراملىقى قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
خاراكتېرنىڭ مايىللىقىغا ئاساسەن، بەزىلەر خاراكتېرنى ئىچكى مىجەزلىك تىپ، تاشقى مىجەزلىك تىپ ۋە ئوتتۇراھال مىجەزلىك تىپقا ئايرىغان. ئىچكى مىجەزلىك تىپىدىكى ئادەملەر تەمكىن، مۇلاھىزە قىلىشقا ماھىر، ئىنكاسى ئاستا كېلىدۇ؛ تاشقى مىجەزلىك تىپىدىكى ئادەملەر جانلىق، تېتىك، ئوچۇق - يورۇق، مۇناسىۋەتكە ماھىر كېلىدۇ؛ ئوتتۇراھال مىجەزلىك تىپتىكى ئادەملەر يۇقىرىدىكى ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر ئادەمنىڭ مۇستەقىللىق دەرىجىسىگە قاراپ، خاراكتېرنى مۇستەقىل تىپ ۋە ئەگەشمە تىپ،دەپ ئايرىغان. مۇستەقىل تىپتىكىلەر ئىشنى كەسكىن قىلىدۇ، مەسىلىلەرنى مۇستەقىل ھەل قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ، باشقىلارنىڭ ئۇنى بۇنى دېيىشىگە قاراپ ئولتۇرمايدۇ؛ ئەگەشمە تىپتىكىلەرنىڭ مۇستەقىللىقى ئاجىزراق بولۇپ، ئاسانلا باشقىلارنىڭ پىكرىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ.
ئادەمنىڭ خاراكتېرى ئاساسەن تۇغۇلغاندىن كېيىن شەكىللىنىدۇ ھەم ئۇنى يېتىلدۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىشكىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە بالىلىق دەۋر خاراكتېرنىڭ بىخلىنىش مەزگىلى، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچى خاراكتېرنىڭ شەكىللىنىش مەزگىلى، ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى بولسا، خاراكتېرنىڭ تەرەققىي قىلىش مەزگىلى، ياشلىق مەزگىلى خاراكتېرنىڭ يارىتىلىش مەزگىلى بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەن مەزگىلگە بارغاندىلا خاراكتېر ئاندىن تەدرىجىي مۇقىملىشىدۇ. ئادەمنىڭ خاراكتېرى كىشىلىك مۇناسىۋەت، ئادەمنىڭ پسىخىكىلىق گىگېنىسى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ياش - ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىلا ياخشى خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرۈش ۋە يارىتىشقا دىققەت قىلىپ، ساغلام تۇرمۇش كەيپىياتى ۋە ئاكتىپ، ئۈمىدۋار پسىخىكىنى تىرىشىپ ساقلاش كېرەك؛ ئالاقە قىلىشىشقا ھېرىسمەن بولۇش، قىزىقىشى كەڭ بولۇش، باشقىلار بىلەن ئىناق بىللە ياشاش، پائال ئىلگىرىلەش، مۇھىتقا تىرىشىپ ماسلىشىش؛ مەدەنىيەت بىلىملىرى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەخلاق تەربىيىلىنىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. مۇشۇنداق تەدرىجىي توپلاپ، ئىزجىل داۋاملاشتۇرغاندىلا، ياخشى خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.