UyghurWiki
UyghurWikiپسىخولوگىيەچوڭ مېڭىنىڭ ئىككى يېرىم شارى

چوڭ مېڭىنىڭ ئىككى يېرىم شارى

پسىخولوگىيە مېڭە پسىخىكىلىق پائالىيەت ئەزاسى. مېڭە ئىلمى بىلەن پسىخولوگىيە زىچ مۇناسىۋەتلىك. مېڭە ئىلمى ئالىملىرى تەتقىقات جەريانىدا، چوڭ مېڭە ئوڭ - سول يېرىم شارلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى پۈتۈنلەي ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، بىراق فۇنكسىيىسىنىڭ ئوخشاشمايدىغانلىقىنى بايقىغان. سول يېرىم شار تىل بىر تەرەپ قىلىش، ئابستراكت لوگىكىلىق تەپەككۇر ئېلىپ بېرىش، مەركەزلىك تەپەككۇر قىلىش، ئانالىزلىق تەپەككۇر قىلىش مەركىزى. ئۇ كىشىلەرنىڭ سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش، ھېسابلاش، رەتلەش، تۈرلەرگە ئايرىش، گەپ - سۆز، ئەستە ساقلاش ۋە ۋاقىت سېزىمى قاتارلىق پسىخىكىلىق پائالىيەتلىرىنى ئاساسلىق باشقۇرىدۇ، ئۇ ئىزچىل بولۇش، تەرتىپلىك بولۇش، ئانالىزلىق بولۇشتەك فۇنكسىيىلەرگە ئىگە. ئوڭ يېرىم شار تەسۋىرلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە كونكرېت ئوبرازلىق تەپەككۇر، كېڭەيمە تەپەككۇر ئېلىپ بېرىش مەركىزى. ئۇ كىشىلەرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى، مۇرەككەپ تۇيغۇسى، مودېللىق قايتا تونۇشى، ئوبرازلىق ئەستە ساقلىشى، ماكاننى بىلىش مۇناسىۋىتى، گېئومېتىرىك شەكىللەرنى پەرقلەندۈرۈشى، تەسەۋۋۇر قىلىش، چۈش كۆرۈش، ئىستىئارەنى چۈشىنىشى، يوشۇرۇن مۇناسىۋەتنى بايقىشى، تەقلىد قىلىش، مۇزىكا چېلىش، تەڭكەش قىلىش، ئۇسسۇل ئوينىشى، شۇنداقلا پوزىتسىيە، ھېسسىياتى قاتارلىقلارنى ئاساسلىق باشقۇرىدۇ، ئۇ ئىزچىلسىزلىق، قاپلاشچانلىق، بىر گەۋدىلىك بولۇشتەك فۇنكسىيىلەرگە ئىگە. سول مېڭىنىڭ سول يېرىم شارى مەخسۇس تىل فۇنكسىيىسىگە قارىتىلغانلىقتىن، مېڭىسىنىڭ سول يېرىم شارى زەخىملەنگەن ئادەمنىڭ سۆزلەش، ئابستراكت تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى بولمايدۇ، يېزىق ماتېرىياللىرىنى ئوقۇيالماسلىق، مىجەزى قوپاللىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. مېڭىسىنىڭ ئوڭ يېرىم شارى زەخىملەنگەن ئادەمنىڭ كەيپىياتى تۆۋەنرەك بولسىمۇ، بىراق تىل پائالىيىتىنى قىلالايدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، كىشىلەر تىل فۇنكسىيىسىگە مەسئول بولغان مېڭىنىڭ سول يېرىم شارىنى »ئەلا يېرىم شار« دەپ ئاتىشىدۇ. بىراق، كىشىلەر كېيىنچە ھەممە ئادەمنىڭلا سول يېرىم شارىنىڭ ئەلا يېرىم شار ئەمەسلىكىنى، بەزى كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنىڭ ئوڭ - سول يېرىم شارلىرى فۇنكسىيىسى ئىش تەقسىماتىنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكى بىلەن ئەكسىچە بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.ئادەمنىڭ ئىككى قولى چوڭ مېڭە ئوڭ - سول يېرىم شارلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مېڭىنىڭ سول يېرىم شارى ئادەمنىڭ ئوڭ قولىنى باشقۇرسا، مېڭىنىڭ ئوڭ يېرىم شارى ئادەمنىڭ سول قولىنى باشقۇرىدۇ. ئوڭ قولىنى ئاساسلىق ئىشلىتىدىغان ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ سول يېرىم شارى ھامان ئەلا يېرىم شار بولىدۇ، سول قولىنى ئاساسلىق ئىشلىتىدىغان ئادەمنىڭ چوڭ مېڭە ئوڭ يېرىم شارى ھامان ئەلا يېرىم شار بولىدۇ. چوڭ مېڭە ئىككى يېرىم شارىنىڭ ئىش تەقسىماتى ئادەتتە بەش ياشتىن ئىلگىرى بەك روشەن بولۇپ كەتمەيدۇ، ئەلا يېرىم شار تېخى شەكىللەنمىگەن بولىدۇ. بەش ياشتىن كېيىن چوڭ مېڭىنىڭ ئىككى يېرىم شارىدا تەدرىجىي ئىش تەقسىملەش بولۇپ،12 -13 ياشلاردىن كېيىن ئەلا يېرىم شار شەكىللىنىپ مۇستەھكەملىنىدۇ. شۇڭا،12 -13 ياشتىن ئىلگىرى ئەلا يېرىم شار زەخىملىنىپ قالسا، يەنە بىر يېرىم شار يېڭى ئەلا يېرىم شار بولۇپ شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. ئەگەر ئەلا يېرىم شار12 -13 ياشتىن كېيىن زەخىملەنسە، يەنە بىر يېرىم شارنىڭ يېڭى ئەلا يېرىم شار بولۇپ شەكىللىنىشى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ، بۇ ئادەم تىل ئىقتىدارىدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، مەكتەپتىكى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئوڭ مېڭە فۇنكسىيىسى تولۇق ئېچىلمىسا، ھەتتا ئۇنىڭغا سەل قارالسا، بۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىسىز. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش جەريانىدا مەلۇم تەرەپكىلا مايىل بولماستىن، تەنتەربىيە، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت ئۆگىنىشىنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار پسىخولوگىيە
چوڭ مېڭىنىڭ ئىككى يېرىم شارى | UyghurWiki | UyghurWiki