UyghurWiki
UyghurWikiپسىخولوگىيەقىزىقىش كۈچى

قىزىقىش كۈچى

پسىخولوگىيە قىزىقىش كىشىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرگە بولغان تاللاشچانلىق پوزىتسىيىسى بولۇپ، ئۇ ئوبيېكتىپ شەيئىلەر بىلەن ئادەمنىڭ ماھىيەتلىك كەيپىياتى ئۆزئارا ماسلاشقاندىكى جەلپكارلىقتىن پەيدا بولۇپ، مەلۇم بىر شەيئى، مەلۇم بىر پائالىيەتكە بولغان كەيپىيات مايىللىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، توپ مەستانىلىرىنىڭ توپ مۇسابىقىلىرىگە بولغان قىزىقىشى، ئۇسسۇل مەستانىلىرىنىڭ ئۇسسۇل كېچىلىكىگە بولغان قىزىقىشى، قاتارلىقلار. مەملىكىتىمىزنىڭ تېز ھېسابلاش مۇتەخەسسىسى شى فېڭشۇ تېز ھېسابلاشتا كومپيۇتېردىن ئېشىپ كەتتى. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ2 - يىللىقىدىكى ۋاقتىدىلا «غەلىتە» بىر مەسىلىنى، يەنى سانلارنى ئوقۇش، يېزىش، كۆرۈشنىڭ ھەممىسى سولدىن ئوڭغا، يۇقىرى خانىدىن تۆۋەن خانىغا قاراپ باشلىنىدۇيۇ، ھېسابلاش نېمىشقا ئوڭدىن سولغا، تۆۋەن خانىدىن يۇقىرى خانىغا قاراپ ئېلىپ بېرىلىدۇ؟ دېگەننى ئويلىغان. بۇ مەسىلە ئۇنىڭ ماتېماتىكىغا بولغان كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئوينايدىغان ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى پىكىر يۈرگۈزۈشكە ۋە ھېسابلاشقا قاراتقان. دەل مانا مۇشۇنداق قاتتىق قىزىقىش ئارقىسىدا ئۇ ئاخىر تېز ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىپ چىققان. قىزىقىش ئاڭلىق ئۆگىنىشنىڭ باشلامچىسى، شۇنداقلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ ئاساسىي پسىخىكىلىق ئامىللىرىنىڭ بىرى. دۇنيادىكى بارلىق ئالىملار، كەشپىياتچىلار ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان باشقا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى شۇغۇللانغان ئىشقا كۈچلۈك قىزىققان. نېي ۋېيپىڭنىڭ قورشاۋ شاھماتقا مەستانە بولۇپ كېتىشى، چىن شياۋشانىڭ سۇغا سەكرەشكە بولغان قىزغىنلىقى، چىن ئەيليەننىڭ ئۇسسۇلغا بولغان ئىنتىلىشى ئارقىسىدا ئۇلارنىڭ ماھارىتى ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. بىر ئادەمنىڭ ياشلىقىدا يېتىلدۈرگەن قويۇق قىزىقىشى ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشلىرى ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ. ئۇلۇغ بىئولوگ دارۋېن كىچىكىدىن باشلاپلا ھاشاراتلارغا ئىنتايىن قىزىققانلىقتىن،50 ياشقا كەلگەندە ئۆزىنىڭ »تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى« دېگەن مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ چىققان. قىزىقىش يەنە ئەقىلنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنىڭ ۋاسىتىسى. بىر ئادەمدە ئۆگىنىشكە نىسبەتەن قىزىقىش بولسا، ئۇ بىلىمگە ئاڭلىق ئىنتىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بىر خىل خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ، بىلىمگە بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. شۇڭا، ئېينىشتېين: »قىزىقىش ئەڭ ياخشى ئۇستاز« دېگەنىدى. ئادەمنىڭ قىزىقىشى تۇغما بولمايدۇ، بەلكى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. قىزىقىش بىلەن بىلىم تەشنالىقى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، قىزىقىشنى يېتىلدۈرگەندە، مەقسەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش، مەنىلىك تۇرمۇش مەزمۇنىغا ئىنتىلىش، قىزغىنلىق ۋە جىددىيلىك بىلەن ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش، ئېرىشكەن ئۆگىنىش نەتىجىلىرى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماسلىق، ئەمەلىيەت جەريانىدا قەيسەر ئىشەنچ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى قاتارلىق خاراكتېر ئالاھىدىلىكلەرنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. قىزىقىش ھەۋەستىن كېلىدۇ، شۇڭا ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدىغان ئىرادە بولۇش، كەڭ قىزىقىش ئاساسىدا، بىر - ئىككى نۇقتىلىق قىزىقىشنى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە پاسسىپ، ناچار بولغان قىزىقىشنى تۈگىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار پسىخولوگىيە
قىزىقىش كۈچى | UyghurWiki | UyghurWiki