ئېھتىياج ۋە مۇددىئا
پسىخولوگىيە
ئېھتىياج بىز دائىم دەيدىغان تەلەپ. ئىنسانلار يەر شارىدا ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ خىلمۇخىل تەلەپلىرى بولىدۇ، قورسىقى ئاچقاندا، تاماق يېيىش تەلىپى، چارچىغاندا ئارام ئېلىش تەلىپى، باشقىلار بىلەن ئالاقىلەشكەندە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش تەلىپى، ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش تەلىپى بولىدۇ ۋە باشقىلار. كۆڭلىدە مۇشۇ تەلەپلەرنى ھېس قىلغاندا، ئۇنىڭغا ماس ئېھتىياج ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئىنسانلارنىڭ كەيپىيات ھېسسىياتى ئېھتىياجىنىڭ قاندۇرۇلۇشى بىلەن شادلىنىدۇ، خۇشاللىنىدۇ، ئېھتىياجىنىڭ قاندۇرۇلماسلىقى بىلەن نارازىلىق ۋە خاپىلىق پەيدا بولىدۇ. كىشىلەر مەلۇم ئېھتىياجىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىدىن شەرت - شارائىت يارىتىشنى، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنى، تاكى ۋەزىپىنى ئورۇنداپ مەقسىتىگە يەتكەنگە قەدەر تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىلىم ئېلىش ئېھتىياجى ئۈچۈن «كېچىنى تاڭغا ئۇلاپ» تىرىشىپ ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، ئېھتىياجنى ئىنسانلار پسىخىكىلىق پائالىيىتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، دەيمىز.
ئامېرىكىلىق پسىخولوگ ماسلو ئادەمنىڭ ئېھتىياجىنى تۆۋەن دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە قاراپ بەش قاتلام( تىپ)غا ئايرىغان. بۇ بەش خىل ئېھتىياج مۇنداق:
بىرىنچى، فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياج. بۇ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي ئاساسىي ئېھتىياجى بولۇپ، ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، جىنسىي ۋە باشقا فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىلىك ئېھتىياجدىن ئىبارەت. ئىنسانلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى قاندۇرۇلغاندىلا، ئاندىن ئۇلار ياشىيالايدۇ.
ئىككىنچى، بىخەتەرلىك ئېھتىياجى. بىر ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى قاندۇرۇلغاندىن كېيىن، بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنىڭ قاندۇرۇلۇشىنى ئويلايدۇ. مەسىلەن، ئىشسىزلىقنىڭ تەھتىدىدىن قۇتۇلۇش تەلىپى، كەلگۈسىدە ياشانغاندا ياكى كېسەل بولۇپ قالغاندا كاپالەتكە ئېرىشىش تەلىپى، كەسپىي كېسەللەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش تەلىپى قاتارلىقلار.
ئۈچىنچىسى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئېھتىياجى. بۇ، ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، مۇھەببەت ئېھتىياجى، يەنى ھەممە ئادەم ھەمراھلىرى ئارا، ئىشداشلىرى ئارا يېقىن ئۆتۈشنى ياكى دوستلۇق، سەمىمىيلىكنى ساقلاشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ھەممە ئادەم مېھىر ‐ مۇھەببەتكە ئېرىشىشنى، باشقىلارنى قەدىرلەشنى، ئۆزىنىڭمۇ، باشقىلار تەرىپىدىن قەدىرلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ يەنە بىرى، تەۋەلىك ئېھتىياجى، يەنى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىرەر گۇرۇھ ياكى توپنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشنى، غەمخورلۇق ۋە ئېتىبارغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
تۆتىنچى، ھۆرمەتلىنىش ئېھتىياجى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقىم ئورنى بولۇشنى ئارزۇ قىلىش، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بەشىنچى، ئۆز - ئۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئېھتىياجى. بۇ، شەخسنىڭ غايىسى، ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شەخسنىڭ قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئېھتىياجىنى، يەنى قانداق ئىقتىدارى بولسا شۇنىڭغا قاراپ ئىش قىلغاندىلا ئاندىن ئەڭ چوڭ قانائەت ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئادەمنىڭ ئېھتىياجى ئىجتىمائىي تارىخىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئۇرۇش يىللىرىدا، بىرەر قېتىم تويۇپ تاماق يەۋېلىش، چارچىغاندا بىرەر قېتىم ئۇخلىۋېلىشنىڭ ئۆزى ئىنتايىن قانائەتلىنەرلىك ئىش. بۈگۈنكى كۈندە، شەخسىي ئېھتىياج يەنىلا جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا بويسۇنۇشى، جەمئىيەتنىڭ ماددىي ئېھتىياجى ۋە ئەخلاق ئەلچەملىرىگە ئاساسەن، شەخسلەر ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك.
كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئارزۇ - ئۈمىدلەردە بولىدۇ، مەسىلەن، گۈيجۇنىڭ ماۋتەي ھارىقىنى تېتىپ بېقىشنى ئويلاش، كۆڭلىگە ياقىدىغان بىرەر دوست تۇتۇشنى ئارزۇ قىلىش، ئالىي مەكتەپ دىپلومىغا ئېرىشىشنى ئويلاش، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ئارزۇ قىلىش قاتارلىقلار. بۇ ئارزۇلارنىڭ ھەرىكەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلىنىشى مۇددىئا بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ ھەرىكەت ئارقىلىق مۇئەييەن مەقسەتكە يېتىشىدىكى ئىچكى سەۋەب، بىرخىل تۈرتكىلىك كۈچ. مۇددىئا ئېھتىياجدىن پەيدا بولىدۇ، ئۇ ئېھتىياجنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.