UyghurWiki
UyghurWikiپسىخولوگىيەئېتىقاد ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ

ئېتىقاد ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ

پسىخولوگىيە ئېتىقاد كىشىلەرنى ئۆزى توغرا دەپ قارىغان نۇقتىئىنەزەر، پرىنسىپلارغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلدۇرىدىغان، نىشاننى ئىشقا ئاشۇرغۇزىدىغان بىر خىل كۈچلۈك ئىچكى كۈچ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرى جەريانىدا، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش مەزمۇنى ۋە جۇغلىغان بىلىملىرىگە ئاساسەن چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن چىقىرىدىغان قارارى ھېسابلىنىدۇ. ئېتىقاد تۇرغۇزۇلغان ھامان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھاسىل بولۇپ، كىشىلەرنى مەلۇم بىر نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا ئۇزاققىچە كۈرەش قىلىشقا ئۈندەيدۇ. جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن دورىشۇناس ۋە تېببىي ئالىم لى شىجىن تۈزگەن «دورا ئۆسۈملۈكلىرى قامۇسى» ۋەتىنىمىزنىڭ تېببىي ئىلىم خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك مىراس بولۇپ، ئۇلى شىجىننىڭ تېببىي دورىگەرلىككە ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئېتىقادىنى نامايان قىلغان. ئۇ1 مىليون950 مىڭ خەتلىك بۇ ئۇلۇغ ئەسەرنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن، يىل بويى تاغ ‐ دەريالارنى ئارىلاپ دورا يىغقان، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن كىشىلەرنى زىيارەت قىلغان، مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاب كۆرگەن، سانسىزلىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك، مەغلۇبىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ،27 يىلدىن كېيىن بۇ ئۇلۇغ ئەسەرنى پۈتكۈزگەن. ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئادەم ئاكتىپ ۋە قەيسەر ئىرادىسىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن، زۆرۈر تېپىلغاندا ھاياتىنىمۇ تەقدىم قىلالايدۇ. بىرۇنو كوپىرنېكنىڭ «قۇياش مەركەز تەلىماتى» دا چىڭ تۇرغانلىقتىن، ئەكسىيەتچىل دىنىي جەمئىيەت تەرىپىدىن تىرىك كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. ئېتىقادتىكى بۇ خىل كۈچ پسىخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئادەمنىڭ كەيپىياتى ۋە ئىرادىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئادەم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، ئۈمىدسىزلەنگەن چاغدا، كەيپىياتى تۆۋەن بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئېتىقادىدىن تەۋرىنىشى مۇمكىن، ئەگەر ئۇ ئىرادىسى ئاجىز ئادەم بولسا، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تۈگىشىشى مۇمكىن. بىراق، قەيسەر ئىرادىلىك ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ۋە قابىلىيىتىنى سوغۇق قانلىق بىلەن تەھلىل قىلىپ، ئېتىقادىدىن قىلچىمۇ تەۋرەنمەيدۇ، كەيپىياتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ياخشىلىنىپ، بارلىقىنى خىزمەتكە ئاتايدۇ. ئېتىقاد قەيسەر ئىرادىنىڭ مەھسۇلى، ياخشى كەيپىياتنىڭ كاپالىتى. ئېتىقاد تۇغما بولمايدۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشى جەريانىدا، تەربىيىنىڭ تەسىرىدە تەدرىجىي شەكىللىنىدۇ. ئەخلاق ئېتىقادىنىڭ شەكىللىنىش تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدىكى بالىلارنىڭ ئەخلاق ئېتىقادى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ئاساسەن تاشقى شارائىتنىڭ تىزگىنلىشىدە بولىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى يىللىقلىرىدىكى بالىلاردا ئەخلاق ئېتىقادىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىلىرىلا بولىدۇ، گەرچە ئۇلاردا بەزى ئەخلاق ھەرىكەتلىرىدە چىڭ تۇرۇش ئارزۇسى بولسىمۇ، بىراق ئاڭلىقلىقى بەك تۆۋەن بولغاچقا، چىڭ تۇرالمايدۇ. ئۆسمۈر بالىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىگىلىگەن ئەخلاق ئۇقۇملىرى ئۇلارنىڭ مەكتەپ كوللېكتىپى، پىئونېرلار ئەترىتى ۋە ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىقلارنىڭ تەربىيىسى تەسىرىدە بىرقەدەر ئاڭلىق، مۇقىم ئەخلاق ئېتىقادى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پسىخولوگىيە