UyghurWiki
UyghurWikiپسىخولوگىيەتۇنجى تەسىر ۋە »سايە ئۈنۈمى«

تۇنجى تەسىر ۋە »سايە ئۈنۈمى«

پسىخولوگىيە ناتونۇش ئادەمگە تۇنجى قېتىم يولۇققاندا، ئۇنىڭ چىراي - شەكلى، گەپ - سۆزى، يۈرۈش - تۇرۇشى، سالاپىتى، مىجەز - خۇلقى ھامان كىشىلەردە تۇنجى تەسىرات قالدۇرىدۇ، بۇ تۇنجى تەسىر پسىخولوگلار ئېيتقان «تۇنجى تەسىر» دۇر. تۇنجى تەسىر كېيىنكى باردى - كەلدى ئالاقىلەرنىڭ ئورنىتىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم. «تۇنجى تەسىر» ئەڭ دەسلەپكى سېزىم بولغاچقا، يېڭىچە بىلىنىپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، ئاسان ئېسىدە قالىدۇ. ئۇ كۆزىتىلگەن ھېسسىي ئوبرازنى ئاساس قىلغاچقا، ناھايىتى ئاسانلا كىشىلەرنىڭ ھېسسىيات ئىنكاسىنى — ياقتۇرۇشى ياكى يىرگىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياخشى تۇنجى تەسىر قارشى تەرەپنى سىزگە ياخشى كۆرسىتىدۇ، يامان تۇنجى تەسىر قارشى تەرەپنى سىزگە يامان كۆرسىتىپ، كېيىنكى مۇناسىۋەتلەردە توسالغۇغا ئايلىنىدۇ. ئادەمنىڭ تەربىيىلىنىشى باشقىلارغا ياخشى تۇنجى تەسىر بېرىشنىڭ ئاچقۇچى. تۇنجى تەسىر كۆپىنچە «ئادەمگە سىياقىغا قاراپ باھا بېرىپ قويۇش» تەك يۈزەكىلىك ۋە بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە بولسىمۇ، بىراق پەس ئارزۇ - ھەۋەسكە ئىگە، بىلىمسىز، ئىچى تار، پەزىلىتى ناچار، ئۆزىنى مەركەز قىلىدىغان ئادەم كىشىلەرگە ياخشى تۇنجى تەسىر بېرەلمەيدۇ. كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە، تۇنجى تەسىر ئىچىدىكى مەلۇم بىر تەرەپتىكى تەسىر گەۋدىلىك بولۇپ، شۇ ئادەمنىڭ باشقا ئالاھىدىلىكلىرى ۋە پەزىلىتىنى يېپىپ، غۇۋا سايىدەك (بەزىدە ئاينىڭ ئەتراپىدا كۆرۈنىدىغان غۇۋا دۈگىلەك سايە) رول ئويناپ، بىر پۈتۈن ئادەمنى بىلىشكە ۋە ئۇنىڭغا باھا بېرىشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، مانا بۇ «سايە ئۈنۈمى» دېيىلىدۇ. مەسىلەن، تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندا، سىزگە قارشى تەرەپنىڭ تەسىرى ياخشى بولسا، كېيىنكى ئالاقىدە ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىنىڭ ياخشىلىقىنى ھېس قىلىسىز؛ ئەكسىچە، تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشكەندە، قارشى تەرەپ كۆزىڭىزگە سىغمىسا، كىيىنكى ئالاقىلەردە ئۇنىڭ ھەممە ھەرىكىتىدىن يىرگىنىسىز. جۇڭگودا مۇنداق بىر مەسەل بولۇپ، دەل مۇشۇ «سايە ئۈنۈمى» تەسۋىرلەنگەن: بىر ئادەم پالتىسىنى يىتتۈرۈپ قويۇپ، قوشنىسىدىن گۇمانلىنىپ يۈرۈپتۇ، ئۇ ئىنچىكىلەپ كۆزەتكۈدەك بولسا، قوشنىسىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى پالتا ئوغرىسىغا ئوخشاپ كېتىپتۇ، كېيىن ئۇ تاغدا ئوتۇن كەسكەن يەردىن يىتتۈرۈپ قويغان ھېلىقى پالتىسىنى تېپىۋاپتۇ، قوشنىسىنى قايتىدىن ئىنچىكىلەپ كۆزىتىپ باقسا، قوشنىسى پالتا ئوغرىسىغا پەقەتلا ئوخشىماي قاپتۇ. «سايە ئۈنۈمى» كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە كۆپلەپ مەۋجۇت بولۇپ، ئادەتتە، ئەھۋالنى ئانچە كۆپ ئىگىلىمىگەن شارائىتتا پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆزەتكۈچىنىڭ پسىخىك ئامىلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ ھەمدە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئانچە - مۇنچە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق «سايە ئۈنۈمى» دىن ھوشيار بولۇش باشقىلارنى توغرا چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. تۇنجى تەسىر ئاسانلا «سايە ئۈنۈمى» پەيدا قىلغاچقا، تۇنجى تەسىرگە تولۇق ئەھمىيەت بېرىش كېيىنكى خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشقا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىشىلەر بىلەن تۇنجى قېتىم باردى - كەلدى قىلغاندا، ئۆزىنىڭ سۆز - ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ، باشقىلارغا ياخشى تۇنجى تەسىر قالدۇرغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پسىخولوگىيە