پسىخىك ساغلاملىق
پسىخولوگىيە
پسىخىك ساغلاملىق دېگىنىمىز پسىخىك ياكى روھىي پائالىيەتلىرى نورمال، خاراكتېرى، ئادىتى، ئىدىيىۋى ئۇسۇلى ۋە ھەرىكىتىدىكى ئىپادىسى مۇكەممەل ئىكەنلىكنى كۆرسىتىدۇ.
قاۋۇل بەدەن خىزمەت، ئۆگىنىشنىڭ ئاساسىي كاپالىتى بولسىمۇ، بىراق پسىخىكىلىق ساغلاملىقمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر شەرت. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان، يېمەك - ئىچمىكى نورمال، بەدىنى ساغلام بولسىمۇ، بىراق خاراكتېرى قوپال، ئادىتى غەلىتى، ئىدىيە - ھەرىكىتىنى بىلىپ بولمايدىغان، پەزىلىتى ئىنتايىن ناچار بولسا، ئۇنداقتا، ئۇ كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئەرزىمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تېخىمۇ ئېغىرلىرى، مەسىلەن، روھىي كېسەلمەنلەر يەنە نورمال ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا دەخلى قىلىپ، شەخس ياكى ئائىلىگە ئىنتايىن چوڭ قايغۇ ۋە بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ، جەمئىيەتكە زىيان سالىدۇ.
پسىخىك ساغلاملىقنى قانداق ساقلاش پسىخىكىلىق گىگېنىدا تەتقىق قىلىنىدىغان مەسىلە. پسىخىكىلىق گىگېنا ئىنسانلارنىڭ پسىخىك ساغلاملىقىنى قوغداش ۋە ساقلاشنىڭ پرىنسىپ ۋە ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدۇ، ئۇ تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش، يەنى نورمال ئادەملەرنىڭ ساغلام تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە خىزمىتىگە ياردەم بېرىپ، تۈرلۈك خەۋپلىك بالايىئاپەت ۋە غىدىقلاشلاردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى يوقىتىش، كەيپىياتنىڭ قالايمىقانلىشىشى ياكى روھىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش، يەنى روھىي ھالىتى نورمالسىز ئادەمنى بالدۇرراق بايقاپ، پسىخىك ۋە تېببىي ئارىلىشىشنى دەرھال باشلىۋېتىش، بىمارنىڭ كېسەللىك مۇساپىسىنى ۋە قايتا قوزغىلىش نىسبىتىنى ئازايتىش؛ ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش، يەنى بالنېستتا ياتقان روھىي كېسەلمەننىڭ روھىدىكى غەلىتىلىكنىڭ ئاستا خاراكتىرلىك روھىي كېسەللىككە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇلارنى ئىمكانقەدەر ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يۈزلەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاستا خاراكتىرلىك روھىي كېسەلمەننىڭ مېيىپلىك دەرىجىسىنى ئىمكانقەدەر تۆۋەنلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ماسلىشىش قابىلىيىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش.
ئۆسمۈرلۈك مەزگىلى كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش مەزگىلى بولۇپ، چەت ئەللىك بەزى پسىخولوگلار ئۇنى «پسىخىك ئانا سۈتىدىن ئايرىلىش مەزگىلى»، «ئىككىنچى قېتىم ئاپىرىدە بولۇش» دەپ ئاتىغان. شۇڭا، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ پسىخىك ساغلاملىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، پسىخىكىلىق گىگېنىسىنى ساقلاش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ ساغلام كەيپىياتى ۋە ھېسسىياتىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈش، مۇھىتقا ماسلىشىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ مېڭىنى ئىلمىي ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە دەم ئېلىشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، پۈتكۈل ئۆمرىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش كېرەك.