ئوڭۇشسىزلىققا مۇئامىلە قىلىش
پسىخولوگىيە
ئوڭۇشسىزلىققا مۇئامىلە قىلىشتىكى ئىنكاسنى ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ: بىرى، دەرغەزەپتە ھۇجۇم قىلىش، ھەددىدىن ئارتۇق پەرىشان يۈرۈش، ئۆزىنىمۇ ۋە ئۆزگىنىمۇ ئالداش، ئۆزىنى قالتىس چاغلاش، ئۆزىنى تاشلىۋېتىش قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان پاسسىپ ھالەت؛ يەنە بىرى، يۈكسىلىش، تولۇقلاش، دەردىنى چىقىرىش ۋە ئارزۇ - ئۈمىدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پايدىلىق ھالەت.
دەرغەزەپتە ھۇجۇم قىلىش ھامان ئوڭۇشسىزلىق پەيدا قىلغان ئادەم ياكى شەيئىگە بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىشتۇر. مەسىلەن، بەزى كىشىلەرنىڭ باشقىلار ئالدىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپى قاندۇرۇلمىسا، ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايدۇ، شەخسىيىتىگە تېگىپ ھۇجۇم قىلىدۇ، ھەتتا ئۆچ ئالىدۇ. دەرغەزەپتە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تەتۈرىسى ھەددىدىن ئارتۇق پەرىشان يۈرۈش. بۇنداق ئادەملەر ئوڭۇشسىزلىق ئېلىپ كەلگەن روھىي ئازابنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئۈنچىقماي پەرىشان يۈرىدۇ. بۇنىڭ ساغلاملىققا زىيىنى بار، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا، روھىي كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى كىشىلەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ غۇرۇرى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، دائىم ئوبيېكتىپ پاكىتنى ئېتىراپ قىلماي، تۈرلۈك باھانە - سەۋەبلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنى ئاقلايدۇ. مەسىلەن، ئىمتىھاندا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، نومۇر ئادىل قويۇلمىدى، دەيدۇ؛ توپ مۇسابىقىسىدا ئۇتتۇرۇپ قويسا، رېپىرى ئالا كۆڭۈللۈك قىلدى، دەيدۇ ۋەھاكازالار. بۇ، ئۆزىنىمۇ ۋە ئۆزگىنىمۇ ئالدىغانلىق. بەزى كىشىلەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن مەيۈسلىنىش، نەپرەتلىنىش، چۈشكۈنلىشىش، رايى قايتىشتەك كەيپىياتقا پېتىپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن خالاس بولالمايدۇ؛ بەزىلەر چۈشكۈنلىشىپ ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ، تىرىشچانلىقتىن ۋاز كېچىدۇ؛ يەنە بەزىلەر مەيۈسلىنىپ ئۇھ تارتىدۇ، ئۆزىنى قاغايدۇ، ئۆزىگە قوپاللىق قىلىدۇ، مەست بولۇۋېلىپ، دەردىنى ھاراقتىن چىقىرىدۇ، ھەتتا يەڭگىللىك قىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ، بۇ، ئۆزىنى كەمسىتكەنلىكتۇر.
ئوڭىشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئوڭۇشسىزلىقنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى ۋە جەريانىنى سوغۇق قانلىق ۋە ئاقىلانىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭدىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشىراق چارىسىنى تېپىپ چىقىش كېرەك، بۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە. بۇنداق ئاكتىپ چارە تۆت خىل بولىدۇ: بىرىنچىسى، يۆتكەش، يۈكسەلدۈرۈش. ئادەم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ياخشى بولمىغان كەيپىيات، ھېسسىيات ۋە زېھنىنى پايدىلىق پائالىيەتلەرگە يۆتكەپ، تۇرمۇشقا باشقا بىر يېڭى نۇقتىدىن قاراش، بۇ ئارقىلىق مۇقىم كەيپىياتقا ئېرىشىش ھەمدە ئۆزى ئىشقا ئاشۇرالمىغان ۋە قانائەت ھاسىل قىلمىغان مۇددىئا ياكى ئارزۇلارنى تېخىمۇ يۈكسەك پەللىگە باشلاش، ئوڭۇشسىزلىقنى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش، تۇرمۇشتىكى غالىبلاردىن بولۇش كېرەك. ئىككىنچىسى، ئۆز - ئۆزىنى تولۇقلاش. دەسلەپكى مۇددىئا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، باشقا يوللار ئارقىلىق نىشانغا يېتىش ياكى ئوخشىمىغان نىشانلارنى ئىلگىرىكى نىشاننىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، ئۇنى باشقا مۇۋەپپەقىيەت بىلەن تولۇقلاش كېرەك. مەسىلەن، بىر قېتىملىق ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى بولماي قالغان بولسا، كېيىنكىسىدە تولۇقلاش؛ بەدىنى مېيىپ بولۇپ قالسا ئىجادىيەت بىلەن تولۇقلاش. تولۇقلاش بىر خىل ئاكتىپ بولغان جانلىق ئىلگىرىلەش ئۇسۇلى، شۇنداقلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن پسىخىكىلىق جەھەتتىن ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. ئۈچىنچىسى، دەردىنى مۇۋاپىق چىقىرىۋېلىش. ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ كەيپىياتى ئوساللاشقاندا، دەرد - ئەلەمنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرمەستىن، بەلكى ئائىلە باشلىقى، ئوقۇتقۇچى ياكى دوستلىرىغا ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشىش كېرەك. تۆتىنچىسى، توغرا قاراش، ئۈمىد باغلاش. رېئاللىققا توغرا قاراش، رېئاللىققا يۈزلىنىش پوزىتسىيىسىنى سەمىمىيلىك بىلەن يېتىلدۈرۈپ، ئوڭۇشسىزلىقنى كىشىلىك ھاياتنىڭ ساقلانغىلى بولمايدىغان بىر قىسمى دەپ قاراش، ئۆتكەن ئىشلارغىلا كۆڭۈل بۆلمەي، بۈگۈن ۋە ئەتىگە ئەھمىيەت بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. قەدىمدىن تارتىپ قەھرىمانلار نۇرغۇن جەبىر - جاپالارنى تارتقان، ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتلەر ھامان ئۇلارنىڭ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىشىدىكى بۆشۈككە ئايلانغان. ئوڭۇشسىزلىق ۋە تەتۈر قىسمەتلەر ئوخشاشلا ھەقىقەتكە يېتىشنىڭ يولى بولۇپ كەلگەن.