تۇز كۆلىدىن توك ئېلىش
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كايرىشىنسكىي ئاتلىق بىر ۋېنگرىيىلىك فىزىك مايداۋ كۆلى دەپ ئاتىلىدىغان غەلىتە بىر كۆلنى بايقىغان. بۇ كۆلنىڭ تېگى ئەكسىچە ئۈستىدىن ئىسسىق ئىكەن. بولۇپمۇ تومۇزنىڭ ئاخىرلىرىدا كۆلنىڭ32 .1 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدىكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃70 قا چىقىدىكەن. بۇ قانداق ئىش؟
ئەسلىدە، مايداۋ كۆلىنىڭ تەكتىدە تۇز بولۇپ، تۇز تېگىگە بارغانسېرى قويۇقلىشىدۇ، قۇياش كۆل تېگىنى قىزدۇرسىمۇ، تۇز قويۇق بولغانلىقتىن، ئىسسىغان سۇ يۇقىرى ئۆرلىيەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسسىق سۇ ئۆرلەپ، سوغۇق چۆكىدىغان كونۋېكسىيە ھادىسىسى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. شۇڭا، كۆلدىكى سۇ قوبۇل قىلغان قۇياشنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى كۆلنىڭ تېگىدىكى تۇزلۇق سۇدا جۇغلىنىپ، ئۇ يەردىكى سۇ كۆرۈنەرلىك ئىسسىيدۇ ۋە كۆلنىڭ ئۈستىدىنمۇ بەك ئىسسىپ كېتىدۇ.
ئالىملار بۇ ھادىسىنىڭ ئىلھامى بىلەن،625 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان دۇنيا بويىچە تۇنجى قۇياش كۆلىنى ياسىدى. بۇ كۆلنىڭ تىرەنلىكى1 —2 مېتىر، قۇياش ئېنېرگىيىسىنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن، تېگى قارا سىرلانغان. كۆلگە تۇزلۇق سۇ جىقلانغان، تۇز كۆلىنىڭ ئاستىغا بارغانسېرى قويۇقلىشىدۇ، ئۈستى سۈزۈك سۇ، سۈزۈك سۇنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشچانلىقى بەك ناچار، ئىسسىقلىق ساقلىغۇچى قەۋەت رولىنى ئوينايدۇ، كۆل ئۈستىگە سۈزۈك ئايرىغۇچى قەۋەت يېپىلغان. چۆرىسىگە كۆنەكسىمان قاشا ئورنىتىلغان، ئۇلار كۆل سۈيىنىڭ پارلىنىشى ۋە شامالنىڭ سۇنى چالغىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مۇنداق قۇياش كۆلى «پار قازان» غا، تېگىدىكى تۇزلۇق سۇ «قازان ئىچى» گە ئوخشايدۇ، تېگىدىكى سۇ قۇياش ئېنېرگىيىسىنى قوبۇل قىلىپ ئىسسىپ، ئىسسىق سۇغا ئايلىنىدۇ، ئۇنى ھەرقانداق چاغدا ئېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
دۇنيا بويىچە تۇنجى قۇياش كۆلى ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ «پار قازىنى» نىڭ چوڭقۇرلۇقى5 .2مېتىر، كۆلىمى7000 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ،150 كىلوۋات توك چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ تېگىدىكى تۇزلۇق سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى℃ 90 قا يېتىدۇ؛ بۇ تۇزلۇق سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ «ئىسسىقلىق سۈمۈرۈش بۆلىكى» بولۇپ، قۇياش ئېنېرگىيىسىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ ۋە ئىستانسىنىڭ كېچىسىمۇ، ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز توك تارقىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۈستى قەۋەتتىكى سۇ تۇزسىز، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنرەك بولۇپ، سوۋۇتقۇچ رولىنى ئوينايدۇ، ئاۋۋال كۆل تەكتىدىكى ئىسسىق سۇنى تارتىپ، ئىسسىقلىق ئالماشتۇرغۇچتىكى قايناش نۇقتىسى تۆۋەن ماددىلارنى قىزىتسىلا، ئۇلار پارغا ئايلىنىپ، تۇربىنلىق گېنېراتورنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ توك تارقىتىدۇ. ئاندىن پار سوۋۇتقۇچقا كىرىپ سۇيۇقلۇققا ئايلىنىپ كۆلگە قايتىدۇ. ئۇنى يەنە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
بۇ پرىنسىپقا ئاساسەن، ئېلىمىزنىڭ چىڭخەي، شىزاڭ رايونلىرىدىكى تۇز كۆللىرىدىن توك ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ.