UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىچاكسىز كىيىم

چاكسىز كىيىم

پەن - تېخنىكا دۇنياسى «پەرىزاتنىڭ كىيىمىنىڭ چېكى بولماس» دېگەن گەپنىڭ مەنىسى پەرىزات تىككەن كىيىمنىڭ چېكى يوق دېگەنلىكتۇر. ئىلگىرى بۇ بىر ئەپسانە ئىدى، ھازىر «ئاپوللو» ئالەم كېمىسىدە ئايغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا ئوخشاشلارنىڭ كىيىدىغىنى ھەقىقەتەن «چاكسىز پەرىزات كىيىمى» دۇر. ئالەم بوشلۇقىدا ھاۋا بولمىغاچقا، ئالەم كېمىسىنىڭ كۈنگە قارىغان تەرىپىنىڭ تېمپېراتۇرىسى℃ 115 قا چىقسا، كۈنگە قارشى تەرىپىنىڭ ℃115 - قا چۈشىدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى قۇياش ۋە ئالەم رادىئاتسىيە نۇرلىرىنىڭ زەخمىتىدىن ساقلاش، ئۇششاق مېتېئورىتلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش ئۈچۈن، ئالەم كىيىمى ئىچى ئۇچ قات، تېشى ئۇچ قات، ھەممىسى15 قات ھەر خىل بىرىكمە تالالاردىن تىكىلىدۇ. ئىچىدە ھاياتلىقنى ساقلاش سىستېمىسى بولىدۇ، ئۇ ئىسسىق ساقلاش، سوغۇقتىن ساقلىنىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلمىلىرىنى ئىچىگە ئالىدۇ. چاپان، ئىشتان، ئاياغ، يەڭ، ياقا ۋە پەلەيلەر بىر يۈرۈش بولۇپ، شامال ئۆتمەس قىلىپ ھىم ئېتىلگەن، تاشقى دۇنيادىن تامامەن ئايرىۋېتىلگەن، ھەقىقەتەن «چاكسىز پەرىزات كىيىمى» دۇر. كىيىم يىڭنە ئىشلىتىلمەي «بىر قېتىمدا پۈتكۈزۈش» ئۇسۇلى بىلەن تىكىلىدۇ. ئاۋۋال ھەر خىل تىپتىكى ئادەم مودېللىرى ياسىلىدۇ. كىيىمنى تىكىش ۋاقتىدا، ھەر خىل تالالارنىڭ مونومېر، بوياق، ستاتىك توكقا قارشى خۇرۇچلىرى تېز سۈرئەتتە پولىمېرلىنىپ، مودېل يىپەك پۈركۈش بېشى ئارقىلىق بىۋاسىتە پۈركۈپ سىرلىنىپ، كىيىم تەييارلىنىدۇ. مۇنداق ئۇسۇلدا كىيىم تىكىش سىر پۈركىگەندەكلا ئاسان ۋە تېز. «پۈركۈپ تىكىلىدىغان» كىيىملەرنىڭ پاسونلىرى يېڭى، چوڭ - كىچىكلىكى مۇۋاپىق بولۇپلا قالماي، تېخى نەق مەيداندا ئۆزگەرتكىلى، خىلمۇخىل نۇسخىلارنى پۈركۈپ چىقارغىلى بولىدۇ. كىيىم قاقلاپ قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن، لايىھىلىگۈچى مۇئەييەن يول بىلەن كېسىپ، ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئۇنىڭغا يەڭ، ياقا، سىيرتما، تۈگمە ۋە ھەر خىل بېزەك بۇيۇملىرىنى بېكىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي «چاكسىز» بولغان بىر «پەرىزات كىيىمى» پۈتۈپ چىقىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى