UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىدېڭىزدىن تاتلىق سۇ ئېلىش

دېڭىزدىن تاتلىق سۇ ئېلىش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە ئاراللاردىكى كىشىلەر چەكسىز دېڭىزنىڭ قورشاۋىدا ياشىسىمۇ، لېكىن سۇسىزلىقنىڭ ئازابىغا دۇچ كېلىدۇ. يەر شارىدىكى سۇنىڭ %97 ى دېڭىز - ئوكيانغا مەركەزلەشكەن، لېكىن دېڭىز سۈيىنى ئادەملەر ئىچەلمەيدۇ ھەم بىۋاسىتە ئىشلىتىشكىمۇ بولمايدۇ. ئادەم ئىچكەن سۇدىكى تۇزنىڭ مىقدارى 05.0% تىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، دېڭىز سۈيىدىكى تۇزنىڭ مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.3. دېڭىز سۈيى بىلەن ئېتىزلار سۇغىرىلسا، زىرائەتلەر «تۇزدىن ئۆلىدۇ»؛ دېڭىز سۈيىنى پار قازىنىدا قايناتقاندا، پار قازاننىڭ ئىچكى دىۋارىدا قېلىن سۇ دېتى پەيدا بولۇپ، ئىسسىقلىق تارقىتىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پەننىڭ تەرەققىي قىلىشى ئىنسانلارنى دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن دىستىللەپ تۇزسىزلاندۇرۇش ئۇسۇلى ۋە قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ تۇزسىزلاشتۇرۇش ئۇسۇلى دائىم قوللىنىلىدۇ، بىراق دىستىللەپ تۇزسىزلاندۇرۇش ئۇسۇلىدا توك ئىنتايىن كۆپ سەرپ بولۇپ كېتىدۇ، شۇڭا، تەننەرخى يۇقىرىلاپ، ھەربىر توننا سۇ ئادەتتىكى تۇرۇبا سۈيىدىن نەچچە ئون ھەسسە قىممەتلىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن مۇساپىلىك توشۇش ۋە خوراشنى قوشقاندا ئاھالىلەر ئىچىدىغان تاتلىق سۇنىڭ ھەربىر توننىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تەننەرخى نېفىتتىنمۇ قىممەتكە توختايدۇ. ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى نېفىت دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ نېفىت ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. كەلگۈسىدە دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش ئاددىي، ئەرزان يۆنىلىشكە تەرەققىي قىلىدۇ، قۇياش ئېنېرگىيىسى، ئاتوم ئېنېرگىيىسى دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. يىراق ئوكيان پاراخوتى، بېلىقچىلىق پاراخوتى ۋە دالىلاردىكى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترەتلىرىگە باب كېلىدىغان كىچىك تىپتىكى تۇزسىزلاندۇرۇش ئۈسكۈنىسى بارلىققا كېلىدۇ، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش ئۇسۇلىمۇ پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىدۇ. مەسىلەن، سۈزۈۋېلىنغان دېڭىز سۈيى يۇقىرى بېسىم ئاستىدا ئالاھىدە ئىشلەنگەن نېپىز پەردىدىن ئۆتكۈزۈلۈش ئارقىلىق، بارلىق تۇز تەركىبى ئايرىپ قېلىنىدۇ، قالغان ساپ سۇ ساقلاش كۆلچىكىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، دەرھال ئىچىشكە بولىدۇ. بۇ خىل تەتۈر سىزغىپ كىرىش شەكلىدىكى تۇزسىزلاندۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ تېخنولوگىك مەشغۇلاتى ئاددىي، ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەن، شۇڭا بۇ بۇنىڭدىن كېيىن دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇشنىڭ يۆنىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزىلەر بېلىق ساقىقىغا تەقلىد قىلىنغان تۇزسىزلاندۇرۇش ئۈسكۈنىسىنىمۇ تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. دېڭىز بېلىقلىرى تۇزلۇق سۇدا ياشايدۇ - يۇ، نېمە ئۈچۈن بېلىقنىڭ گۆشى تۇزلۇق بولمايدۇ؟ كىشىلەر بېلىق ساقىقىدا »خلورىدلارنى ئاجرىتىش ھۈجەيرىسى« گە ئوخشايدىغان پەۋقۇلئاددە توقۇلمىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى، ئۇ سۈزگۈچلۈك رولىنى ئويناپ، دېڭىز سۈيىنى تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇپ، بەدەن ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. بېلىق ساقىقىغا تەقلىد قىلىنغان دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش ئۈسكۈنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش دەسلەپكى قەدەمدە نەتىجىگە ئېرىشتى.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى