UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىئوپتىك مېڭە

ئوپتىك مېڭە

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ئوپتىك مېڭە − ئوپتىك تالا ۋە تۈرلۈك ئوپتىك دېتاللاردىن ياسالغان كومپيۇتېر. ئۇ ئۇچۇرلارنى ئادەتتىكى كومپيۇتېرلارغا ئوخشاش ئېلېكتروننىڭ لىنىيىسىدىكى ئېقىمىغا تايىنىپ بىر تەرەپ قىلمايدۇ، بەلكى بىر دەستە تۆۋەن قۇۋۋەتلىك لازېر نۇرىنى نۇر قايتۇرغۇچى ئەينەك ۋە كۆپۈنكۈ ئەينەكتىن تۈزۈلگەن نۇر زەنجىرىگە كىرگۈزۈشكە تايىنىپ «تەپەككۈر«» يۈرگۈزىدۇ، بىراق ئوخشاشلا ساقلاش، ھېسابلاش ۋە كونترول قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بولىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ «ماھارىتى»نىڭ قانداق بولۇشى، بىرى، كومپيۇتېر دېتاللىرىنىڭ سۈرئىتىگە، يەنە بىرى، ئۇلارنىڭ تىزىلىش زىچلىقىغا باغلىق بولىدۇ. مۇشۇ ئىككى جەھەتتىن ئالغاندا، نۇر ئېلېكتردىن كۆپ ئەۋزەل. فوتون ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈرئىتى ئەڭ چوڭ نەرسە بولۇپ، سېكۇنتلۇق سۈرئىتى300 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇر دەستىلىرى ئۆزئارا گىرەلەشسىمۇ تەسىر پەيدا بولمايدۇ. ئېلېكترون بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىچىدىكى ھەرىكەت سۈرئىتى سېكۇنتىغا تەخمىنەن60 −500 كىلومېتىر بولۇپ، ئەڭ ياخشىلىرىنىڭ سۈرئىتىمۇ نۇر سۈرئىتىنىڭ10 دىن1 ىگە يەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكتر يولىدا ياپراقسىمان دېتاللارنىڭ سىم پۇتى300 دىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تىزىلىش زىچلىقى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، ھالبۇكى، نۇر دەستىسىنىڭ بۇ خىل ئۆزئارا كاشىلا قىلماسلىق ئالاھىدىلىكى ئالىملارنى ئىنتايىن كىچىك بوشلۇق ئىچىدە ئىنتايىن كۆپ ئۇچۇر يوللىرىنى ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدۇ. مەسىلەن، بېل تەجرىبىخانىسىدىكى ئوپتىكىلىق ئالماشتۇرغۇچ شۇنچىلىك كىچىك بولۇپ، دىئامېتىرى2 مىللىمېتىر كەلمەيدىغان دېتالغا2000 دىن ئارتۇق يول قاچىلانغان. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئوپتىك مېڭىنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتىنى1 تىرىليون قېتىمغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ، بۇ ھازىرقى زامان كومپيۇتېرلىرىنىڭكىدىن نەچچە1000 ھەسسە يۇقىرى؛ ئىككىنچى، ئوپتىك دېتاللارنىڭ يەنە ئۇچۇر مىقدارى كۆپ بولۇش ئالاھىدىلىكى بار، بىر دەستە نۇر بىرلا ۋاقىتتا مىڭلىغان يولدىكى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزەلەيدۇ. ھالبۇكى، ئوپتىك مېڭىنىڭ ياسىلىشىدا نەزەرىيە ۋە تېخنىكا جەھەتتە ھەل قىلىنمىغان يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. ئالىملار، بىرىنچى قەدەمدە، ئوپتىك كومپيۇتېرنىڭ قوزغىتىش ئېنېرگىيىسى كىچىك بولۇش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئېلېكترونلۇق ئالماشتۇرغۇچنى نۇر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نۇر بىلەن ئېلېكترون »شالغۇت« لاشقان كومپيۇتېرنى ياساپ چىقىپ، ئاندىن ئوپتىك مېڭىنىڭ «قوشۇمچە رول» لۇق ئورنىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئۇچۇر تېخنىكا ئىنقىلابىدىكى ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
ئوپتىك مېڭە | UyghurWiki | UyghurWiki