UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىئاي شارىدىكى ئۆي

ئاي شارىدىكى ئۆي

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ئىنسانلار1969 - يىل7 - ئاينىڭ20 - كۈنى تۇنجى قېتىم ئايغا چىققاندىن بۇيان، ئالىملار ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن قانداق قىلىپ ئاي شارىغا ئۆي سېلىشنى ئىزچىل تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ئاي شارىغا ئۆي سېلىشتا بەزى ئۆزگىچە شارائىتلار بار. ئاي شارىدا نۇرغۇن بايلىقلار بار، ئۇنىڭدىكى قۇم، توپا ۋە تاشلار ئەڭ ياخشى بېتون خام ئەشياسى بولۇپ، ئۆي سېلىشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك قۇرۇلۇش ماتېرىيالىدۇر. ئىنسانلارنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئالەم كېمىسى ئارقىلىق يەر شارىدىن ئاي شارىغا توشۇشىنىڭ ھاجىتى يوق، بۇنىڭ بىلەن خېلى زور چىقىمنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئاي شارىغا ئۆي سېلىشتا يەر شارىدىن ئېنېرگىيە ئېلىپ كېلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، چۈنكى، ئاي شارىدا سىلىتسىي كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن قۇياش ئېنېرگىيىسى باتارېيىسى ئىشلىگىلى، شۇڭا ئاي شارىدىكى ئۆيلەرنى ئىسسىتىش، توك بىلەن تەمىنلەشتە تامامەن قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلانغىلى بولىدۇ، بۇ، يەر شارىدىكى كۆمۈر ياكى توكتىن ئېنېرگىيىگە ئېرىشىشتىن كۆپ ئاسان بولىدۇ. بىراق، ئاي شارىنىڭ جۇغراپىيىۋى مۇھىتى يەر شارىنىڭكىدىن جىق پەرقلىنىدۇ. يەر شارىدا بىر كېچە - كۈندۈز24 سائەت بولۇپ، تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ ئەمەس؛ ئەمما، ئاي شارىدىكى بىر كېچە - كۈندۈز يەر شارىدىكى بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتقا تەڭ بولۇپ، كۈندۈزدىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃ 130 قا يېتىدۇ، كېچىدىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى0 دىن تۆۋەن ℃170 قا تۆۋەنلەپ، تېمپېراتۇرا پەرقى300℃ قا يېتىدۇ. ئاي شارىدا ھاۋا بولمىغاچقا، ئىنسانلار ئاي شارىدا ئالەم نۇرلىرىنىڭ كۈچلۈك رادىئاتسىيىسىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاقار جىسىملار ئاي شارىنى دائىم »يوقلاپ« تۇرغاچقا ئىنسانلارغا تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۆي سالىدىغان ئورۇننى ياخشى تاللاش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق خىزمەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئالىملار21 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئاي شارىدا تۇرالغۇ، ئىشخانا، تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئوتتۇرا تىپتىكى ئىمارەتلەر ھەم جىددىي قۇتقۇزۇش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى ۋە خەتەردىن ئۆزىنى جىددىي دالدىغا ئېلىش مۇئەسسەسەلىرى قاتارلىق كىچىك تىپتىكى ئىمارەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. بىراق، كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى ئاي يۈزىدىكى شەھەرگە سىمۋوللۇق قىلىدىغان ئاي شارى مۇنارى. بۇ ئېگىزلىكى540 مېتىر كېلىدىغان ئاي شارى مۇنارى جازىسى بولۇپ، مۇنار جازىسىنى چۆرىدىگەن بۇرمىسىمان تۇرۇبىغا بولكا شەكىللىك توققۇز ئىمارەت ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بۇ ئىمارەتلەر كۆزىتىش سۇپىسى، خەۋەرلىشىش مەركىزى ۋە كونترول مەركىزى ھەم2000 ئادەم سىغىدىغان مېھمانخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇ چاغقا بارغاندا، كىشىلەر ئاي كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، ئاي شارىغا بېرىپ، ساياھەت، ئېكسكۇرسىيە قىلالايدۇ ۋە ئاي شارىدىكى «مېھمانخانا» غا چۈشۈپ، ئايغا چىقىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
ئاي شارىدىكى ئۆي | UyghurWiki | UyghurWiki