UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىگۈللۈك تۇرالغۇ

گۈللۈك تۇرالغۇ

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھەر مەركىزىدە بىر سودا بىناسى بولۇپ، ئۇ ئادەتتىكى بىنالارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۆگزىسىدىكى باغچىدا5000 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈلگەن. بىناغا مال سېتىۋالغىلى كەلگەنلەر باغچىدا دەم ئېلىپ، «تەبىئەت»نىڭ ئاجايىپ پەيزىنى سۈرۈپ، روھىي كەيپىياتىنى ئازادىلاشتۇرۇۋالىدۇ. ھازىرقى زامان شەھەرلىرىدە، قاتار - قاتار بىنالار يەردىن كۆتۈرۈلۈپ، يېشىللىق ئادەملەر توپىدىن يىراقتا قالدى. شاۋقۇن ئاۋازلار، مىغىلداپ كەتكەن ئادەملەر توپى، يەنە بۇزۇلغان ھاۋا، بۇلارغا يېشىللىقنىڭ كۈنسايىن ئازىيىشى قوشۇلۇپ، ھازىرقى زامان شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى كۈل رەك دۇنيادا ئۆتۈۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئارخىتېكتورلار قانداق قىلىپ مەڭگۈلۈك «باغچە» قۇرۇپ، كىشىلەر مەھرۇم بولغان يېشىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلىنىۋاتىدۇ! ئارخىتېكتورلارنىڭ ئاۋۋال ئويلىغىنى ياتاق بىنالىرى بولدى. ئۇلار «قۇتا شەكىللىك» ياتاق بىنالىرىنى «پەلەمپەي ئېتىزلار» شەكىلگە ئۆزگەرتىپ، بىنادىكى ئولتۇراق ئۆيلەرنى قەۋەتمۇقەۋەت پەلەمپەي ئېتىزلارغا ئوخشىتىپ سېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلدى، بۇنداق قىلغاندا، ھەربىر قەۋەتتىكى ئۆيلەرگە كىچىك بىر باغچە سەپلەپ بەرگىلى بولىدۇ، پۈتكۈل ئولتۇراق رايون بوستانلىق دېڭىزى ئىچىدە تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. تاغ ئېتىكى يوق جايلاردا، پەلەمپەيسىمان تۇرالغۇلارنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى مۇقىم بولماستىن، تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش مەسىلىسى ئاسان كۆرۈلىدۇ، ئەقىللىق ئارخىتېكتورلار قەۋەتمۇقەۋەت ئارقىغا سۈرۈلگەن پەلەمپەيسىمان تۇرالغۇلارنىڭ ئارقا تەرىپىنى بىر - بىرىگە چاپلاپ، «ئېگەرسىمان» تۇرالغۇغا ئايلاندۇرۇپ، ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ تىرەش يۈزىدىن ئېغىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئېگەرسىمان تۇرالغۇنىڭ ھەرقايسى قەۋەتلىرىدىكى ئائىلىلەر ئاستىنقى قەۋەتنىڭ ئۆگزىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ يېشىللىقلىرىنى ئېچىپ، سۇ كۆلچىكى، گۈللۈك، ئۈستەل - ئورۇندۇق قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشىك - دېرىزىسىنى ئاچسىلا يېشىللىق كۆزگە تاشلىنىدىغان مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ. ئارخىتېكتورلار يېشىللىق دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، پەلەمپەيسىمان ئىككى تۇرالغۇنى ئۇدۇلمۇئۇدۇل تۇتاشتۇرۇپ لايىھىلىدى، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەھكەم تور ئۇلارنى چىڭ تۇتۇپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، «يامبۇ شەكىللىك» تۇرالغۇنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىككى چەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ ئارىلىقىدا بوستانلىق بار بولۇپ، پۈتكۈل تۇرالغۇ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېشىل «جىلغا»نى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەگەر جىپسىلاشتۇرغۇچى تورغا پىيادىلەر يولى، بالىلار ئويۇن مەيدانى، ئاممىۋى باغچە قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ئېگىز قەۋەتلەردىكى تۇرمۇش تۈزلەڭلىكتىكىدىن پەرقلەنمەيدۇ. كىشىلەر ئۆي ئىچى - سىرتى مۇھىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە، يېشىللىقنى ئۆي ئىچىگە ئېلىپ كىردى، سۈنئىي تۇپراق، سۈنئىي چىملىقنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئۆي ئىچىدىكى ھويلا - ئارام قۇرۇلۇشى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندى.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
گۈللۈك تۇرالغۇ | UyghurWiki | UyghurWiki