يېمەكلىك خۇرۇچى
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
ئاز مىقداردىكى تېتىتقۇ سېلىنسىلا، قورۇمىلارغا تېخىمۇ تەم كىرگۈزىدۇ. يېمەكلىكنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بۇ تۈردىكى ماددىلار يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىدە يېمەكلىك خۇرۇچى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار يېمەكلىكنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىش، پۇرىقىنى ئاشۇرۇش، ئوزۇقلۇقىنى كۆپەيتىش، يېمەكلىك سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىسلەتلىك ئىقتىدارلارغا ئىگە.
گۆش ياسالمىلىرى زىيادە سۇسىزلىنىپ كەتسە، يېڭى ۋە يۇمشاقلىقىنى يوقىتىدۇ. ئەگەر گۆش ياسالمىلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندە پولىفوسفات ئارىلاشتۇرۇۋەتسەك، گۆش ياسالمىلىرىنىڭ سۈيىنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەسلىدىكى رەڭگى، تەمى، پۇرىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. بولكا، تورت، ئاي توقاچلار زىيادە ئۇزۇن ساقلانسا، كۆكىرىپ قالىدۇ، ئۇلارنى ياسىغاندا زەمبۇرۇخ تىزگىنلىگۈچ قوشۇۋەتكەندە، بۇ ئەھۋالنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
ئېمۇلسىيىلەش ئاگېنتى − يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى. ئۇ سىرتقى يۈزنى ئاكتىپلاشتۇرۇش دورىسى بولۇپ، يېمەكلىكنى يۇمشىتىدۇ ھەم يېمەكلىكنى يېڭى پېتى ساقلاشقا، ئۇزۇن ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ، ئۇسسۇلۇق، پېچىنە - پىرەنىك، تورت، سۈت ياسالمىلىرى قاتارلىقلارنى ياساشتا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدۇ.
ھاراق سۇيۇق جىسىم، بىراق ياپونىيىدە «قاتتىق ھاراق» تەتقىق قىلىنىپ ئىشلەندى. «كۆك قارىئۆرۈك قاتتىق ھارىقى» پاراشوكىدىن بىر قوشۇق ئېلىپ ئاغزىمىزغا سالىدىغان بولساق، مەززىلىك ھاراقنىڭ تەمىنى سېزىمىز. بۇ خىل ئاجايىپ ئۆزگىرىشنىمۇ يېمەكلىك خۇرۇچى ھاسىل قىلىدۇ. بىر خىل يېڭى يېمەكلىك خۇرۇچى − سۇسىز كرىستال مالتوزىنىڭ سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى قاتۇرىدىغان خىسلەتلىك ئىقتىدارى بار. ئۇ ئىنتايىن كۈچلۈك سۇسىزلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، سۇيۇق ياكى ئۇماچ ھالەتتىكى يېمەكلىك ئىچىگە سېلىنسا، قىزىتىلمىسىمۇ ياكى قۇرۇتۇلمىسىمۇ يېمەكلىكنى سۇسىزلاندۇرۇپ، پاراشوك ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. بۇ خىل يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ ئىشلىتىلىشى يېمەكلىك ئىستېمالى، ئوراش - قاچىلاش، توشۇش، ساقلاشقا جىق قۇلايلىقلارنى يارىتىپ بېرىدۇ.
يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ ئاجايىپ ئىقتىدارى بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇنلىرى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق. دۇنيادا ئىشلىتىلىۋاتقان يېمەكلىك خۇرۇچى2000 خىلدىن ئاشىدۇ، بۇ يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى يېمەكلىككە پايدىلىق، ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز قىلىش نۇرغۇن ئالىملارنىڭ تەتقىقات تېمىسىدۇر. بەزى ئالىملار خۇرۇچتىكى مولېكۇلىلارنى ئۈچەي دىۋارىدىن ئۆتەلمەيدىغان بىرقەدەر چوڭ پولىمېرلار مولېكۇلىسىغا «باغلاپ» قويۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىدۇ، شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭ تەسىرىنى تەم سەزگۈسىلا ھېس قىلالايدۇ، ئەمما ئادەم بەدىنى سۈمۈرمەيدۇ.