UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىتاياقسىمان كود

تاياقسىمان كود

پەن - تېخنىكا دۇنياسى «تاياقسىمان كود» ئادەم ماشىنا بىلەن سۆزلىشىدىغان ئالاھىدە تىل. تاياقسىمان كودلارنىڭ سىزىقلىرى ئۇزۇن - قىسقا، توم - ئىنچىكە، ئاراچ ۋە ھەر خىل گۇرۇپپىلىنىپ، مەلۇم تاۋار ياكى مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت، تاۋارنىڭ ئېغىرلىقى، سانى، باھاسى، ئۆلچىمى ۋە تىپى قاتارلىقلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ياكى زاۋۇتتىن چىققان ۋاقتى، زاكاز مىقدارى، مال يەتكۈزۈلىدىغان ئورۇن قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدۇ. تاياقسىمان كودلارنى كودلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ھەر خىل بولىدۇ. شەكىلدىكى ھەربىر ئونلۇق سىستېمىدىكى سان ئىككى سىزىق ۋە ئىككى ئاراچتىن تەركىب تاپىدۇ. پۈتۈن تاياقسىمان كود رايونى ئۇزۇنراق بىر سىزىق بىلەن ئوڭ - سول ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. سول قىسمى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتنىڭ كودى، ئوڭ قىسمى مەھسۇلاتنىڭ باھاسى، ئېغىرلىقى قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدىغان كود. ئۇنىڭ ئىككى يېقىنىڭ ھەرقايسىسىدا ئىككى گۇرۇپپا سىممېترىك ئۇزۇن سىزىقلار بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم كودلاشتۇرۇلغان رايوننىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشىنى ئىپادىلەپ، باش بەلگە ۋە ئاياغ بەلگە رولىنى ئويناپ، ھەر قېتىملىق پەرقلەندۈرۈشنى ئىشەنچلىك ۋە مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىدۇ. سىزىقلارنىڭ ئاستىدىكى سانلارنى كىشىلەر ئوڭايلا پەرقلەندۈرەلەيدۇ، شۇڭا تاۋارنى بىۋاسىتە سانىيالايدۇ ۋە ستاتىستىكا قىلالايدۇ. ئەمىسە، ماشىنا بۇ »تاياقسىمان يېزىق« نى قانداق ئۇقىدۇ؟ ئەسلىدە كىشىلەر ماشىنىغا تاياقسىمان كودنى ئوقۇش قۇرۇلمىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە »كۆز« ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۇ نۇرنىڭ قايتىشى ۋە ئوپتىكىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، نۇر سكاننېرىدىن تاياقسىمان كودنى »ئوقۇپ«، ئېرىشكەن نۇر سىگنالىنى ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئاندىن ئۇنى پەرقلەندۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسۋابىغا يوللاپ، تاياقسىمان كود ۋەكىللىك قىلغان سانلارنى تونۇيدۇ. بۇ سانلار كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلسە، كومپيۇتېر ئادەمنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مالنى كونترول قىلىدۇ. زاۋۇتتا ھەر خىل مەھسۇلاتلار ئورالغاندىن كېيىن، ئۇلارغا ئاپتوماتىك ھالدا تاياقسىمان كود ئۇرۇلىدۇ، بۇ كود توشۇش تاسمىسىنىڭ يېنىدىكى ماشىنىغا ئۆزىنىڭ قانداق مال ئىكەنلىكى، قانچىلىك مىقداردا قايسى ئامبارغا بارىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئۇقتۇرىدۇ. كومپيۇتېر ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن، دەرھال مېخانىك قولغا ئۇلارغا يول بېرىشنى ۋە مەلۇم ئامبارنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشىنى بۇيرۇيدۇ. شۇنداق قىلىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ ئامباردىكى مىقدارى ۋە جايلارغا ئەۋەتىلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى، سانى قاتارلىقلار بىرلا ۋاقىتتا كومپيۇتېردا ساقلىنىدۇ ياكى مال ئېلىش تالونىغا بېسىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
تاياقسىمان كود | UyghurWiki | UyghurWiki