مايلىق سىلانس
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
مايلىق سىلانس دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاش بار، ئۇ نېفىتكە ئوخشاش، جانلىقلارنىڭ قالدۇقلىرى بىلەن لاي - لاتقىلارنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغان. شۇڭا، ئۇنىڭدىن نېفىت ئايرىغىلى بولىدۇ.
چوڭ مايلىق سىلانسنى يانجىپ تاسقاپ، چوڭ مەشكە سېلىپ، ھاۋا كىرگۈزمەي قىزدۇرسا، ئورگانىك ماددىلار ئاجرىلىپ، نېفىت گازى پەيدا بولىدۇ؛ نېفىت گازىنى سوۋۇتۇش قۇرۇلمىسىغا كىرگۈزسە، مايسىمان ھالەتتە ئۇيۇيدۇ، مانا بۇ سىلانس مېيىدۇر.
سىلانس مېيى نېفىتكە بەك ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە سۇيۇق ھالەتتىكى كاربون، ھىدروگېنلاردىن باشقا، ئازراق ئوكسېگىن، ئازوت ۋە گۈڭگۈرتلەرنىڭ بىرىكمىسىمۇ بولىدۇ. سىلانس مېيىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چەككىلەپ، ئۇنىڭدىن بېنزىن، كىرسىن، دىزېل قاتارلىق سۇيۇق يېقىلغۇلارنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ نېفىتكە ئوخشاش رولى بار.
مايلىق سىلانستىن نېفىت ئايرىش جەريانىدا يەنە نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنىمۇ ئالغىلى بولىدۇ: ئاممۇنىي سۇلفاتنى ئوغۇت قىلغىلى بولىدۇ؛ فىنوللار ۋە پرىندىنلارنى بىرىكمە تالا سۇلياۋ، بوياق، دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان خىمىيە سانائىتى خام ئەشياسى قىلغىلى بولىدۇ؛ چىققان گازنى كۆمۈر گازىغا ئوخشاش گاز يېقىلغۇ قىلغىلى بولىدۇ. قالغان سىلانس داشقىلىدىن سېمونت، ساپال تالا، ساپال ئۇۋىندىسى قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىگىلى بولىدۇ. مايلىق سىلانس ھەقىقەتەن «تۇرغان - پۈتكىنى گۆھەر» دۇر. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادا مايلىق سىلانس زاپىسى كۆمۈر، نېفىتتىن ياكى تەبىئىي گازدىن كۆپ ئىكەن. ئېلىمىز دۇنيادا مايلىق سىلانس زاپىسى ئەڭ مول دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جىلىندىكى نۇڭئەن، گۇاڭدۇڭدىكى ماۋ مىڭ ۋە لياۋنىڭدىكى فۇشۇنلەردە ئەڭ كۆپ. گۇاڭدۇڭدىكى ماۋ مىڭ رايونىدىن ئېنىقلانغان مايلىق سىلانس زاپىسى7 مىليارد توننىغا يېتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، مايلىق سىلانسنى يەر تېگىدىن ئېلىپ ماي ئايرىش تولا ئاۋارىچىلىك ئىش. ئالىملار مۇنداق چارە ئويلاپ تاپتى: يەر يۈزىدىن يەر تەكتىگە قاراپ قۇدۇق ئېچىپ، تۆشۈكلۈك پولات تۇرۇبىنى مايلىق سىلانس قەۋىتىگىچە كىرگۈزۈپ، يۇقىرى چاستوتىلىق ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنى بېرىلسە، ئۇ ھاسىل قىلغان ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىدە مايلىق سىلانس تەركىبىدىكى ئورگانىك ماددىلار سىلانس مېيى ۋە گازغا پارچىلىنىپ، قۇدۇقتىن يەر ئۈستىگە چىقىپ ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.