UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىزىيان يەتكۈزمەي تەكشۈرۈش

زىيان يەتكۈزمەي تەكشۈرۈش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى كىشىلەر ھەمىشە شاپىلاقلاپ كۆرۈپ تاۋۇزنىڭ پىشقان - پىشمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ، شوپۇر ئۇستام چاقنى تېپىپ، بىخەتەر يول يۈرگىلى بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ؛ دوختۇر چېكىپ كۆرۈپ كېسەللىك ئەھۋالىغا دىئاگنوز قويىدۇ. بۇلار دائىم ئۇچرايدىغان «زىيان يەتكۈزمەي تەكشۈرۈش»تۇر. زىيان يەتكۈزمەي تەكشۈرۈش تەكشۈرۈلىدىغان بۇيۇمنى بۇزماي ۋە زىيانغا ئۇچراتماي، ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى، سۈپىتى، ئىچىدە نۇقسان بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرىدىغان بىر خىل تېخنىكا. سانائەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان زىيان يەتكۈزمەي تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بەش خىل: نۇقساننى نۇر بىلەن تەكشۈرۈش. بۇنىڭدا مېتال زاپچاس ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنى بىلەن تەكشۈرۈلىدۇ، بۇ X نۇرى بىلەن تەكشۈرۈشكە ئوخشىشىپ قالىدۇ. نۇر (مەسىلەن، X نۇرى، r نۇرى) ماتېرىيالدىن ئۆتۈپ نېگاتىۋغا بارغاندا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا نېگاتىۋ تەكشى يورۇقلۇق سېزىدۇ؛ نۇر يېرىق، تۆشۈك، پۈۋەكچە ۋە ئارىلاش ماددىلارغا يولۇقسا، نېگاتىۋدا سايە كۆرۈنىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن نۇقساننىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە شەكلىنى تەكشۈرگىلى، يەنە ماتېرىيالنىڭ قېلىنلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇلترا ئاۋاز بىلەن تەكشۈرۈش. ئۇلترا ئاۋاز جىسىمغا كىرىپ نۇقسانغا يولۇقسا، بىر قىسىم دولقۇن قايتىدۇ. تارقىتىش ۋە قوبۇل قىلىش ئەسۋابى قايتقان دولقۇننى تەھلىل قىلىپ، نۇقساننى ئىنتايىن توغرا ئۆلچەيدۇ ۋە نۇقساننىڭ ئورنى بىلەن چوڭ - كىچىكلىكىنى كۆرسىتىدۇ، يەنە ماتېرىيالنىڭ قېلىنلىقىنى ئۆلچىيەلەيدۇ. سىڭدۈرۈپ تەكشۈرۈش. بۇ سىرتقى يۈزدىكى نۇقسانلارنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى. پاكىزلانغان دېتالنىڭ سىرتىغا سىڭگۈچى خۇرۇچ سۈرتۈلىدۇ، ناۋادا نۇقسان بولسا، ئۇ نۇقسان بار يەرگە سىڭىپ كېتىدۇ. ئاندىن دېتال سىرتىدىكى ئارتۇق خۇرۇچ پاكىز تازىلىنىدۇ ۋە تەسۋىر شەكىللەندۈرگۈچى خۇرۇچ سۈرتۈلىدۇ. كاپىلليار ھادىسىسى سەۋەبىدىن، نۇقسان ئىچىدە قالغان سىڭگۈچى خۇرۇچ سۈمۈرۈۋېلىنىدۇ. سىڭگۈچى خۇرۇچ تەركىبىدە قىزىل بوياق ياكى پارقىراق ماددا بولغانلىقتىن، ناھايىتى كىچىك نۇقسانلارنىمۇ ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدۇ. ماگنىت ئۇۋىندىسى بىلەن تەكشۈرۈش. پولات دېتال ماگنىت مەيدانىغا قويۇلسا ماگنىتلىنىدۇ. ناۋادا دېتالنىڭ سىرتقى قەۋىتىدە نۇقسان بولسا، مەسىلەن، يېرىق، ئارىلاش ماددىلار بولسا، ماگنىت كۈچ سىزىقلىرى نۇقساننى ئايلىنىپ ئۆتۈپ قىسمەن ماگنىت قۇتۇپى ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر دېتالنىڭ سىرتىغا ماگنىت ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى ماگنىت ئۇۋىندىلىرى سېپىلسە، ئۇ قىسمەن ماگنىت قۇتۇپىنىڭ تارتىشى بىلەن توپلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇقساننىڭ ئورنى ۋە شەكلىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل سىرتقى يۈزدىكى ۋە سىرتقى يۈزگە يېقىن نۇقسانلارنى تەكشۈرۈشكە باب كېلىدۇ. قاينامسىمان توك بىلەن تەكشۈرۈش. كاتۇشكىدىن ئۆزگىرىشچان توك ئۆتسە، مۇئەييەن شارائىتتا ئۆتكەن توك ئېقىمى ئۆزگەرمەيدۇ، ئەگەر كاتۇشكا تەكشۈرۈلۈۋاتقان دېتالغا يېقىنلاشسا، دېتالنىڭ ئىچىدە قاينامسىمان توك ئىندۇكسىيىلىنىپ، قاينامسىمان توكنىڭ تەسىرىدە كاتۇشكىدىكى توك ئېقىمى ئۆزگىرىدۇ. قاينامسىمان توكنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى دېتالنىڭ ئىچىدە نۇقساننىڭ بار - يوقلۇقىغا بېقىپ ئوخشىمايدىغانلىقى ئۈچۈن، كاتۇشكىدىكى توك ئېقىمى ئۆزگىرىشىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى نۇقساننىڭ بار - يوقلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى