UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىچېدىر شەكىللىك ئىمارەت

چېدىر شەكىللىك ئىمارەت

پەن - تېخنىكا دۇنياسى چېدىر ئەسلىدە دالىدا يېتىپ - قوپۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ۋاقتىلىق ئۆي بولۇپ، ئۇ ئاددىي، يېنىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا، ئارخىتېكتورلار ئۇنى زامانىۋى قۇرۇلۇشقا تەتبىقلىدى. گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئىشلىتىلگەن سۇ ئۈزۈش سارىيى مانا مۇشۇ خىل قۇرۇلۇش. ئۇنىڭ تورۇسى پولات قۇرۇلما ۋە چىداملىق سۇلياۋدىن قۇرۇلۇپ، كران بىلىكى ئارقىلىق ئېسىلغان. ساراينىڭ ئىچى يوپيورۇق بولۇپ،9000 تاماشىبىن سىغىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ئىمارەتلەر، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، قاقاسلىققا ۋاقتىنچە سېلىنغان بولۇپ، خالىغان ۋاقىتتا سۆكۈپ كېتىشكە بولىدىكەن، قۇرۇلۇش خىراجىتىمۇ تۆۋەن ئىكەن. ئەڭ چوڭ مەڭگۈلۈك چېدىر شەكىللىك ئىمارەت سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە پورت شەھىرىدىكى خەلقئارا ئايرودرومنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش زالى بولۇپ، ئۇ «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆگزە»، «قۇملۇقتىكى چېدىر شەھەر» دەپ ئاتالغان. بۇ چېدىر شەكىللىك ئىمارەت10 چوڭ چېدىرنى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتكەن بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى425 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، بۇ50 پۇتبول مەيدانىنىڭ چوڭلۇقىغا توغرا كېلىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا100 مىڭ ساياھەتچىنى سىغدۇرالايدۇ. جىددە ئايرودرومىدىكى چېدىرنىڭ رەختى ئەينەك تالا توقۇلمىسىدىن تەييارلانغان بولۇپ، ئىسسىققا چىداملىق ھەم ئىنتايىن مۇستەھكەم. بۇ خىل چېدىر رەختىدىن قۇياش نۇرى ئۆتىدۇ، بىراق ئۇ ئىسسىقلىق سۈمۈرمەيدۇ، چۈشكەن قۇياش نۇرىنىڭ %76 ى قايتۇرۇۋېتىلىدۇ، شۇڭا چېدىرنىڭ ئىچى ئادەمگە ھۇزور بېغىشلايدۇ. جىددە شەھىرىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃43 قا يەتكەندە، چېدىرنىڭ ئىچىدىكى تېمپېراتۇرا ℃26 لا كېلىدۇ. چېدىرنىڭ جانلىقلىقى ئارخىتېكتورلارنى ئىنتايىن ئىلھاملاندۇرغان، ئۇلار چېدىردىن پايدىلىنىپ، تەنتەربىيە سارىيىنى كىنوخانا، مۇزىكا زالىغا ئۆزگەرتكەن، بۇنىڭ بىلەن تەنتەربىيە سارىيىدا نورمال تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزگەندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، ۋاقىتلىق كۆرگەزمىلەرنى ئېچىشتا چېدىر ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان سورۇن، ئۇنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، شەكلى، رەڭگىنى خالىغانچە تاللاشقا بولىدۇ. ئارخىتېكتورلارنىڭ بېشارەت بېرىشىچە، كەلگۈسىدە ئالەم بوشلۇقىدا مولېكۇلىغا ئوخشاش نېپىز، يۇمشاق ۋە چىداملىق ئەينەك ياسالمىلىرىنى ئىشلىگىلى ۋە ئۇلارنى ماتېرىيال قىلىپ، ئالەم بوشلۇقى ساياھەتچىلىرىگە تۇرالغۇ ياساپ بەرگىلى، شۇنداقلا ئۇنى يەر شارىغا ئېلىپ كېلىپ، ناچار كىلىمات شارائىتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرگە ھىم ئۆي ياساپ بەرگىلى بولىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى