ئۆي - ئىمارەتلىرى ماڭالايدىغان شەھەر
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
كەلگۈسىدىكى شەھەرلەردە نۇرغۇن شەكىلدىكى يېڭىچە ئىمارەتلەر بولسىمۇ، لېكىن شەھەردىكى بوشلۇق چەكلىك بولغاچقا، بىر يىل تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە شەھەردە يېڭىچە ئۇسلۇب ياراتقىلى بولمايدۇ. ئالىملار كۆپ يىل تەتقىق قىلىش، نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق، شەھەر ئۆي - ئىمارەتلىرىنى پەسىل ياكى ئوخشاش بولمىغان تەلەپ بويىچە يۆتكەپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى شەھەر كوچىسى ۋە مەيدانلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، شەھەرلەرنى باشتىن - ئاخىر يېڭىچە تۈسكە ئىگە قىلدى.
لايىھىلىگۈچىلەر شەھەر كوچىلىرىنى تەرەپ ئۇزۇنلۇقى30 مېتىرلىق كۋادرات شەكىللىك رايونلارغا ئايرىيدۇ، ھەر بىر كۋادرات شەكىل بىر سۇپا بولۇپ، ئاستىغا ھەرىكەتچان چاق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئۆي - ئىمارەت، يول ۋە كۆكەرتىش رايونى قاتارلىقلار قاتار - قاتار سۇپا ئاپتوموبىللىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە بارلىق سۇپا ئاپتوموبىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى تىزگىنلەيدىغان قۇرۇلما بار بولۇپ، سۇپا ئاپتوموبىلى ئاستىدىكى ئاسفالت يولغا رېلىس ياتقۇزۇلىدۇ، سۇپا ئاپتوموبىلى رېلىسنىڭ ئۈستىدە ماڭىدۇ. ئايرىم - ئايرىم ئۆي - ئىمارەتلەرنى بىر يەرگە كەلتۈرگەندە، رەتلىك كوچا شەكىللىنىدۇ؛ يول ۋە كۆكەرتىش رايونلىرىنى بىر يەرگە يىغىش ئارقىلىق مەيدان ياكى رايون باغچىسىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.
ئۆي - ئىمارەتلەرنى ئاسان يۆتكەش ۋە ئاز كۈچ سەرپ قىلىش ئۈچۈن، ئىمارەتلەرنىڭ ئېگىزلىكى سەككىز قەۋەت قىلىپ بېكىتىلىدۇ. ئاستى قەۋەت ئىمارەتلەر يەر ئىچىگە5 .1 مېتىر كىرگۈزۈلۈپ پىيادىلەر يولى قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، رامكىنىڭ چېتى سىرتقا ئۇزارتىلغان3 مېتىر كەڭلىكتىكى سۆرەش تاختىسى بولۇپ، يىغقىلى، قاتلىغىلى بولىدۇ، ئۇ ئىمارەت بىلەن بىللە يۆتكىلىدۇ. ئەگەر ئىككى ئىمارەت بىر نۇقتىغا يۆتكەپ كېلىنىپ، ئىككىسىنىڭ بۇ تاختىسى ئۇزارتىپ چىقىرىلسا،6 مېتىر كەڭلىكتىكى تاشيول شەكىللىنىپ، ئاپتوموبىللار ئۆتۈشىدۇ. ئىككى رەت ئىمارەت ئارىلىقىغا يول ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۇپا ئاپتوموبىلىدىن بىرى كىرگۈزۈلسە، شەھەرنىڭ ئاساسىي كوچىسى سۈپىتىدە30 مېتىر كەڭلىكتىكى يول شەكىللىنىدۇ.
يەر ئاستىدا يەر ئاستى كارىدورى بولۇپ، ئىمارەتلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش، يۇندى چىقىرىش، توك بىلەن تەمىنلەش ۋە تېلېفون، توك سىمى قاتارلىقلار شۇنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئۇلار شتېپسىلغا ئوخشاش چېتىق ئارقىلىق ئىمارەتلەرگە ھىملاشتۇرۇلىدۇ. ئىمارەتلەر يۆتكەلگەندە، ئاۋۋال ئىمارەت مۇقىملاشتۇرۇلغان مۇقىملاشتۇرغۇچى لەڭگەر ئارغامچىسى ئېلىۋېتىلىپ، توك يولى ۋە تۈرلۈك تۇرۇبىلارنىڭ چېتىقى ئاجرىتىۋېتىلىدۇ، شۇنىڭدەك ئاپتوموبىل يولى قىلىنغان تاختاي سۇپا ماشىنىسىنىڭ چېتىگە يىغىۋېتىلىدۇ. ئارقىدىن سۇپا ئاپتوموبىلىدىكى ھىدراۋلىك قوزغىتىش قۇرۇلمىسى ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ، ئىمارەت كۆتۈرۈلۈپ، مىنۇتىغا15 مېتىرلىق سۈرئەت بىلەن رېلىسنى بويلاپ بەلگىلەنگەن نۇقتىغا يۆتكىلىدۇ.
ئۆي - ئىمارەتلەر ماڭالايدىغان شەھەرلەردىكى ئۆي - ئىمارەتلەرنىڭ ھەربىر قەۋىتىنى ئىختىيارىچە توغرىسىغا سۈرۈپ، پەلەمپەيسىمان شەكىلنى ھاسىل قىلغىلى ياكى ئايرىم بىر قەۋەتنىلا يۆتكىگىلى بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ھەم شەھەر مەنزىرىسىنى خىللاشتۇرغىلى، ھەم ئىككى ئىمارەتنىڭ ئەڭ ئېگىز قەۋىتىنى جۈپلىگەندىن كېيىن، ئۆگزە مەيدانىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆگزە تانسىخانىسى ياكى تاۋار كۆرگەزمە بازىرى قىلغىلى بولىدۇ.