UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىلەيلىتىش كىيىمى ۋە پۇتبول ئايىغى

لەيلىتىش كىيىمى ۋە پۇتبول ئايىغى

پەن - تېخنىكا دۇنياسى بۇ − بىئو مېخانىكا قائىدىسىگە ئاساسەن لايىھىلەنگەن كىيىم. ئادەم لەيلىتىش كىيىمىنى كىيىپ سۇ يۈزىدە يېتىپ، سۇ ئۈزۈشنى بىخەتەر مەشىق قىلالايدۇ؛ يېڭىچە پۇتبول ئايىغىنى كىيىپ، پۇتبول مەيدانىدا كارامەت ئۆزگىرىشچان توپلارنى تېپەلەيدۇ. لەيلىتىش كىيىمى سۇ ئۈزۈش كىيىمى بىلەن قۇتقۇزۇش چەمبىرىكىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ، كۆرۈنۈشى ئادەتتىكى سۇ ئۈزۈش كىيىمىگە ئوخشايدۇ، شۇڭا «لەيلىتىش سۇ ئۈزۈش كىيىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل سۇ ئۈزۈش كىيىمىنىڭ لەيلىتىش كۈچ نۇقتىلىرى ئىنچىكىلىك بىلەن لايىھىلىنىدۇ. ئادەم سۇدا ئۆز بەدىنىنىڭ ئېغىرلىق كۈچى بىلەن لەيلىتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەڭ تەسىر قىلغۇچى كۈچ نۇقتىسى ئېغىرلىق كۈچى مەركىزىدە بولىدۇ، ھالبۇكى، لەيلىتىش كۈچىنىڭ تەڭ تەسىر قىلغۇچى كۈچ نۇقتىسى لەيلىتىش مەركىزىدە بولىدۇ. قۇتقۇزۇش چەمبىرىكى، ئادەتتە قولتۇقتا تۇرغاچقا، لەيلىتىش كۈچىنىڭ ئورنى كۆكرەك قىسىمدا بولىدۇ، شۇڭا ئادەم سۇدا تىك تۇرىدۇ. لەيلىتىش كىيىمى دەل قورساقنىڭ ئاستى قىسمىدا بولۇپ، ئادەم ئۇنى كىيگەندىن كېيىن، گەۋدىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى سۇ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرىدۇ، ئاستىنقى ئۈچتىن ئىككى قىسمى بولسا سۇ ئىچىدە تۇرۇپ، ئادەمنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك سۇ ئۈزۈش قىياپىتىنى ساقلاپ، سۇ ئۈزۈش مەشقى قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغانلار ئۇنى كىيىۋالسا قۇتقۇزۇش بىخەتەرلىكى كاپالىتىگە ئېرىشىدۇ. پۇتبول ئايىغىنىڭ كۆرۈنۈشى ئادەتتىكى پۇتبول ئايىغىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ يۈزىگە تىكتاك توپ پالىقىنىڭكىدەك بۈدۈرلۈك رېزىنكە چاپلىنىدۇ، شۇنداق بولغاندا، پۇتبول ئايىغىنىڭ پۇتبول بىلەن سۈركىلىشى كۈچىيىدۇ، تەنھەرىكەتچى كۈچىنى جايىدا ئىشلەتسىلا، ھەر خىل ئاجايىپ «ئەگمە توپ» لارنى ئەپچىللىك بىلەن تېپەلەيدۇ. ھازىر يېڭى تىپتىكى پۇتبول ئاياغلىرى تەتقىق قىلىنىپ ياسىلىۋاتىدۇ، ئالىملار بىر خىل «قارشىلىق كۈچى كىچىك تەنھەرىكەت ئايىغى» نى لايىھىلەۋاتىدۇ. بۇنداق ئاياغنى كىيىپ يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقاندا، بەدەننىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ئالدىغا ئېغىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تەنھەرىكەتچىنىڭ قەدىمى چوڭىيىپ، ھەرىكەت سۈرئىتى تېزلىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى