قەغەز ئۆي
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
كەلگۈسىدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرى، ئورمانچىلىق رايونلىرى، دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ياكى دالا مەشغۇلاتى ئۆيلىرى ئاددىي چېدىر بولماسلىقى، بەلكى قەغەزدىن ياسىلىشى مۇمكىن.38 كۋادرات مېتىرلىق بىر قەغەز ئۆينىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى تەخمىنەن200 كىلوگرام بولۇپ، سۆككەندىن كېيىن، چوڭ ئىككى قەغەز ساندۇققا پاتىدۇ، بۇ خىل ئۆينى كۆچۈرۈش ئاسان.
قەغەز ئۆينىڭ ئادەتتىكى ئۆيلەرگە ئوخشاش ئىشىكى، دېرىزىسى، تېمى ۋە تورۇسى، ئۇنىڭدىن باشقا بېزەك تام قەغىزى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ماتېرىيالى تۈرلۈك شەكىلدىكى دولقۇنسىمان قوش قەۋەتلىك پۈرمە قەغەز تاختاي ياكى كۆنەكسىمان قەغەز تاختاي بولۇپ، قەغەز تاختاينىڭ سىرتقى يۈزىدە قاپلاش قەۋىتى ۋە ئاسراش قەۋىتى بار، ئۇ قەۋەت - قەۋەت قىيما ئېلىنغان پىرەنىككە ئوخشايدۇ، بىراق قېلىنلىقى50 مىللىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولۇپ، خېلى پۇختا بولىدۇ. ئەگەر قەغەز ئۆينىڭ تېمى بىر تەرەپ قىلىنغان پۈرمىلىك قېلىن قەغەز تاختاي بولۇپ، قەغەز تاختاينىڭ سىرتىغا سىنتېتىك دېۋىرقاي ياكى ئەينەك تالاسى سۈرتۈلسە، سېمونت تامدەك مۇستەھكەم بولىدۇ؛ ئۆي ئىچىدىكى تام ۋە تورۇسلارمۇ يۇقىرى تېمپېراتۇرا، نەملىك ۋە ھاشاراتلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قەغەز تاختايدىن ئىشلىنىدۇ.
قەغەز ئۆي ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان قەغەزلەر سىتېتىك دېۋىرقاي خام ماتېرىيال قىلىنىپ ئىشلەنگەن قەغەز تىپىدىكى نېپىز پەردە بولۇپ، سىنتېتىك قەغەز دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئادەتتىكى قەغەزگە ئوخشاش مىكرو تۆشۈك قۇرۇلمىلىق بولۇپ، سىياھ ۋە سۇنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، بۇنى يېزىقچىلىق قەغىزى ۋە مەتبەئە قەغىزى قىلىشقا بولىدۇ؛ ئۇنىڭدا يەنە نېپىز سۇلياۋ يۇپۇقنىڭ ئىقتىدارى بولۇپ، چىداملىق، ئەۋرىشىم كېلىدۇ، سۇغا، قاتلىنىشقا، يورۇقلۇققا، خىمىيىۋى چىرىتىشكە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. شۇڭا، قەغەز ئۆيلەر ياغاچ ماتېرىيال ۋە سېمونتلاردا يوق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
قەغەز ئۆيگە ياغاچ، خىش ياكى بېتون ئىشلىتىلمەيدۇ، شۇڭا ئۇنى كېمىر ياكى گۈنبەز شەكىلدە ياساشقا بولىدۇ. قەغەز تاختاي، ئېھتىياجغا ئاساسەن، مۇئەييەن چوڭ - كىچىكلىكتە ۋە شەكىلدە ياسىلىپ، چىدامچانلىقى ئەتراپىدىكى قاتلانغان قىسىملىرى ئارقىلىق ئاشۇرۇلىدۇ، ئاندىن تام يوچۇقلىرى، پلاستىر چاپلىغانغا ئوخشاش، ئەينەك تالا لېنتىلىرى ۋە دېۋىرقاي بىلەن يەملىنىپ تۇتاشتۇرۇلىدۇ. ئىسپانىيىدە قەغەزدىن ئاپېلسىن شەكلىدە ئاممىۋى تېلېفون ئۆيى ياسالغان، ئۇنىڭ شەكلى ئۆزگىچە ھەم كۆركەم بولۇپ، زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بەدىئىي تۈسى ۋە ھاياتىي كۈچى ئاشۇرۇلغان.