ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىنا
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
بۇ − كومپيۇتېر ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان ئىمارەت. ئادەم ئۆيگە كىرىشى بىلەنلا، دېرىزىلەر ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىدۇ، ئۆي ئىچىدىكى يورۇقلۇق ئۆزلۈكىدىن تەڭشىلىدۇ، ھەممىلا ئورۇن ئادەمگە ئازادىلىك ھېس قىلدۇرىدۇ. تۆت پەسىلدە پۈتۈن بىنانىڭ ئىسىق - سوغۇقلۇقىنى تەڭشەپ، خالىغانچە شارائىتنى ھازىرلىغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىنا دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىنانى سىنىپ بىناسى قىلىشقىمۇ، ئىشخانا بىناسى قىلىشقىمۇ بولىدۇ، ئۇ يۈكسەك دەرىجىدە ئاپتوماتلاشقان بولىدۇ. ئەگەر سىنىپ قىلىنسا، دەرس ئۆتۈلۈۋاتقاندا ئېتىلىپ، مېھمان قوبۇل قىلمايدۇ؛ ئەگەر ئىش بېجىرىش بىناسى قىلىنسا، زىيارەت قىلىپ كەلگۈچى ماشىنكىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ماشىنا ئالدىدا تۇرۇپ، زىيارەت قىلماقچى بولغان شىركەت ياكى تارماقنىڭ نامىنى كىرگۈزسە، يېقىملىق بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا قايسى لىفتقا، نەچچىنچى قەۋەتكە چىقىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. زىيارەتكە كەلگۈچى لىفتقا چىقسىلا، لىفت ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىدۇ، بۇ چاغدا لىفتتىكى تەسۋىر كۆرسەتكۈچتە بۈگۈنكى ھاۋا رايى ۋە مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى مۇھىم خەۋەرلەر كۆرسىتىلىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەيلا يېقىملىق ئاۋاز نەچچىنچى قەۋەتكە چىققانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىدۇ. زىيارەتكە كەلگۈچى كەلگەن شىركەتنىڭ مېھمان قوبۇل قىلىش ئۆيى قاراڭغۇ بولسا، ئۇ ئىشىكتىن كىرىشى بىلەنلا، ئۆي ئىچىدە چىراغلار يورۇيدۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچمۇ پەسىلگە ئاساسەن ئىسسىق ياكى سوغۇق شامال چىقىرىدۇ.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىنادا ئوپتىك ئەينەك تالاسىدىن ئىشلەنگەن ئوپتىك كابېللار گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، كومپيۇتېرنى مەركەز قىلىپ، ئالاقىلىشىش تورىنى شەكىللەندۈرىدۇ. سىنىپ ياكى ئىشخانىلارغا تېلېۋىزىيىلىك خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تېلېۋىزىيىلىك ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغىلى ياكى خىزمەتلەردە ئالاقىلەشكىلى بولىدۇ. بۇ يەردىكى تېلېۋىزور قوش يۆنىلىشلىك بولۇپ، ئوقۇتقۇچى ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس سۆزلەيدۇ، ئوقۇغۇچىلار تېلېۋىزور ئېكرانىدىن ئوقۇتقۇچىنى كۆرەلەيدۇ، ئوقۇتقۇچىمۇ سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى كۆرەلەيدۇ ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالىنى ئاڭلىيالايدۇ، بۇ يۈزتۇرا دەرس ئۆتكەندىكىدىن پەرقلەنمەيدۇ. بۇنداق ئىشخانا بىنالىرىدا، شىركەت دىرېكتورى ئىشخانىدىن چىقمايمۇ ھەرقايسى تارماقلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى بىلەلەيدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، تېلېۋىزىيە يىغىن ئۆيىدە خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتنىشالايدۇ. خىزمەتچىلەر كومپيۇتېر ئارقىلىق كۈندىلىك كەسىپلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك بىر تەرەپ قىلالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن خىزمەت ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشخانا بىناسى ئېلېكترونلۇق بىنا بولۇپ، ئۇ بىنا قۇرۇلمىسىنى «گەۋدە» قىلىدۇ، كومپيۇتېر ۋە ئېلېكترونلۇق قۇرۇلمىلار ئۇنىڭ مېڭە ۋە نېرۋىسى بولۇپ، «جېنى بار» بىنانى تەشكىل قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ يوقلىمىسىنى ئېلېكترونلۇق قۇرۇلمىلار ئۆزلۈكىدىن ئىشلەيدۇ؛ ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى، ۋاقتى بولغاندا، ئۆزلۈكىدىن تارقىتىلىدۇ. تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىنادا ئەتراپتىكى مۇھىت مەنپىي ئىئون ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ، دەل - دەرەخلەر كۆكىرىپ، قۇشلار سايراپ، گۈل - گىياھلارنىڭ خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، بىنادىكى ئۆيلەرگە قۇياش نۇرى تولۇق چۈشكەچكە، ئادەمنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ.