UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىكۆمۈرنى يەر ئاستىدا گازلاشتۇرۇش

كۆمۈرنى يەر ئاستىدا گازلاشتۇرۇش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى كۆمۈر گازىنى قالاش كۆمۈرنىڭ ئۆزىنى قالىغاندىن كۆپ قۇلاي، ناۋادا يەر ئاستىدىكى كۆمۈرلەرنى بىۋاسىتە يانىدىغان گازغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆي - ئۆيلەرگە يەتكۈزۈپ بەرسە نەقەدەر ياخشى بولاتتى - ھە! كۆمۈرنى يەر ئاستىدا گازلاشتۇرۇش بۇ ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. يەر ئاستىدىكى كۆمۈرنى يېقىلغۇ گازغا ئايلاندۇرۇش ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. ئاۋۋال مەلۇم ئارىلىق قالدۇرۇپ كۆمۈر قاتلىمىدىن ئىككى تىك تۆشۈك بۇرغىلاپ، بۇرغىلاپ كىرىش، ئوت كۈچى بىلەن سىڭدۈرۈش ۋە سۇ بېسىمى بىلەن يېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، كۆمۈر قاتلىمىدىكى تۆشۈكلەر تۇتاشتۇرۇلۇپ، گاز ئوڭۇشلۇق ئۆتىدىغان يول ھازىرلىنىدۇ. ئاندىن بىر تۆشۈكتىن كۆمۈر قاتلىمىغا ئوت يېقىلىپ، ھاۋا ياكى ئوكسىگېن، سۇ پارى كىرگۈزۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆمۈر قاتلىمىدا قىزىپ پارچىلىنىش، ئەسلىگە قايتىش، ئوكسىدلىنىش قاتارلىق خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەر يۈز بېرىپ، كاربون چالا ئوكسىد، مېتان ۋە ھىدروگېن قاتارلىق يانىدىغان گازلار ھاسىل بولۇپ، يەنە بىر تۆشۈكتىن چىقىدۇ، بۇ گازلار تۇرۇبىلار بىلەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ. كۆمۈرلۈكنى گاز مەيدانىغا ئايلاندۇرىدىغان «سېھىرگەر» گازلاشتۇرۇش خۇرۇچىدۇر، بۇ خۇرۇچتا ھاۋا، سۇ پارى، ئوكسىگېن ياكى ھىدروگېن قاتارلىقلار بولىدۇ، ساپ ئوكسىگېن بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئوكسىگېن كۆمۈر بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ كاربون چالا ئوكسىد ھاسىل بولىدۇ، كاربون چالا ئوكسىد يەنە سۇ پارى بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ مېتان ھاسىل بولىدۇ، مېتان ئادەتتىكى تەبىئىي گازنىڭ ئاساسىي تەركىبىدۇر. كۆمۈرنى يەر ئاستىدا گازلاشتۇرغاندا، ئادەتتىكى كان ئېچىش تېخنىكىسى بىلەن ئاچقىلى بولمايدىغان چوڭقۇر قاتلاملاردىكى كۆمۈرلۈك ياكى كۆمۈر قاتلىمى بەك نېپىز كۆمۈرلۈكلەرنى ئاچقىلى بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ھەربىر جۈپ تۆشۈك بۇرغىلىغاندا، سائىتىگە10 مىڭ كۇب مېتىردىن ئارتۇق كۆمۈر گازى ئالغىلى بولىدۇ، ئىشلىتىشكە قۇلاي بۇ يېقىلغۇ گازلارنى ئېلىش ئۈچۈن، كانچىلارنىڭ قۇدۇققا چۈشۈپ ئەمگەك قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيىلىك ئالىم رامساي كۆمۈرنى يەر ئاستىدا گازلاشتۇرۇش تەكلىپىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان. كۆمۈر قاتلىمىنى رەسمىي گازلاشتۇرۇشتىن بۇرۇنقى ھالقىلىق بىر تېخنىكىلىق مەسىلە تۆشۈكلەرنى تۇتاشتۇرۇش، يەنى ئىككى تۆشۈك ئوتتۇرىسىدا گاز ئۆتىدىغان ياخشى بىر يول شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. كىشىلەر ئوت كۈچى، توك كۈچى، سۇ كۈچى ئىشلىتىش ۋە يۆنىلىشلىك بۇرغىلاپ كىرىش قاتارلىق تۇتاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ باققان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ بۇرغىلاش خىراجىتى تولىمۇ يۇقىرى بولغان. كۆمۈرنى يەر ئاستىدا گازلاشتۇرۇشقا تەسىر قىلىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ، يەر ئاستىدىكى ئەھۋال مۇرەككەپ، كۆمۈرنى يەر ئاستىدا گازلاشتۇرۇش جەريانىنى كونترول قىلىش تەس بولغانلىقتىن، كۆمۈر گازىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى تۇراقلىق بولمايدۇ؛ ئىشلىتىلىدىغان گازلاشتۇرۇش خۇرۇچىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئېلىنغان گازنىڭ تەركىبى ۋە مەھسۇلات مىقدارىمۇ ھەمىشە ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىدى، شۇڭا كۆمۈرنى يەر ئاستىدا گازلاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىكى تەجرىبە تەتقىقاتلىرىدا ئىسپاتلانسىمۇ، ھازىرغىچە كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىش ئىشقا ئاشقىنى يوق.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
كۆمۈرنى يەر ئاستىدا گازلاشتۇرۇش | UyghurWiki | UyghurWiki