ئەقىل ماشىنىسى
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
ھازىرقى كومپيۇتېرلارنى كىشىلەر «ئېلېكترون مېڭە» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ چوڭ مېڭىنىڭ بىر قىسىم فۇنكسىيىسىنىڭلا ئورنىنى ئالالايدۇ، ئۇ ئادەم مېڭىسىدىن كۆپ يىراق. ئادەمنىڭ تەپەككۇر جەريانى، جۈملىدىن ئۇچۇر ئېلىش، تەشكىللەش، يەتكۈزۈش ۋە چىقىرىش قاتارلىقلار نېرۋا تورىدا ئىشلىنىدۇ. تاشقى دۇنيادىكى بىر گۇرۇپپا ئۇچۇر ئادەم مېڭىسىگە كىرگەندىن كېيىن، بارلىق نېۋرونلار دېگۈدەك ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىپ، ئادەم مېڭىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ۋە ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرىدۇ. ھالبۇكى، ھازىرقى كومپيۇتېرلار ئالدىنقى باسقۇچلۇق ھېسابلاش ئاساسىدا كېيىنكى باسقۇچلۇق ھېسابنى ئىشلىيەلەيدۇ. شۇڭا، ئالىملار ھەر خىل ئەقىل ماشىنىلىرىنى، مەسىلەن، ئۆزى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دەرسلىكىنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان ئۆگىنىش ماشىنىسى، باغلانما تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان كومپيۇتېر ۋە كەڭ دائىرىدىكى بىلىمگە ئىگە مۇتەخەسسىس كومپيۇتېر قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلىۋاتىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئىلگىرى ئەقىل ماشىنىسىدىن بىرنى ياسىغان بولۇپ، بۇ ماشىنا ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە، ئىسپانچە گېزىتلەرنى ئوقۇيالايدۇ ھەم ئەسەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى قىسقىچە شەرھلىيەلەيدۇ،1978 - يىلى، گېزىتلەرگە ئانتروپولوگ (ئىنسانشۇناس) مارگارىتنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىك خەۋىرى بېسىلغان، بۇ ئەقىل ماشىنىسى ئۇنى ئوقۇغاندىن كېيىن، «ئىنسانشۇناس مارگارىت مېئاد راكقا گىرىپتار بولۇپ76 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى» دەپ يەكۈنلىگەن.
بۇ خىل ئەقىل ماشىنىسى بارلىققا كەلسە، چوڭ مېڭە بىلەن كومپيۇتېر ئوتتۇرىسىغا كۆۋرۈك سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. دېمەك، كومپيۇتېر چوڭ مېڭىنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقى، نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئۇققاندىلا، تۈرلۈك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە قالدۇرۇشى، خۇلاسە چىقىرىشى، ھېسابلىشىغا ياردەم بېرىپ، چوڭ مېڭىنىڭ يوشۇرۇن ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئاچىدۇ.
ئالىملار ئېلېكتروئېنسېفالوگرامما (مېڭە توك سىزىقى) قوبۇل قىلغۇچ بىلەن ماگنىت ئېنسېفالوگرامما قوبۇل قىلغۇچنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، كومپيۇتېر مېڭە ئېلېكتر دولقۇنىدىكى دولقۇن ئۆزگىرىشى ۋە مۇناسىپ ماگنىت مەيدانى ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، چوڭ مېڭىنىڭ پائالىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىيەلەيدۇ، ئامېرىكىلىق ئالىملار مېڭە ماگنىتىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋابنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى ۋە ئادەم مېڭىسى پائالىيىتىنىڭ ماگنىت ئېنسېفالوگراممىسىغا ئېرىشتى. چوڭ مېڭىدىكى ھەرقايسى قىسىملارنىڭ ماگنىت ئۇچۇرىغا ئاساسەن، ئالاھىدە پروگراممىنى تۈزۈپ، كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ، كومپيۇتېرنى بۇ ئۇچۇرلارنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. يەنە بىر ئالىم ئىنتايىن ئىنچىكە «نېرۋا تېلېفونى» نى كەشىپ قىلىپ، مىكرو ئېلېكترود ئارقىلىق كومپيۇتېر ئۇچۇرلىرىنى بىۋاسىتە چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈپ، چوڭ مېڭە ھەل قىلماقچى بولغان تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، بۇنىڭ بىلەن، ئەڭ قىممىتى بار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىجادىي تەپەككۇر قىلىشقا قۇلايلىق ياراتتى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، ماگنىت ئېنسېفالوگرامما قوبۇل قىلغۇچىنى تاقاپ، «نېرۋا تېلېفونى» نى ئۇلىسىڭىزلا، چوڭ مېڭىدە تۈرلۈك كەشپىيات، ئىجادىيەت ئورىگىناللىرى بارلىققا كېلىشى، ئەقىل ماشىنىسى چوڭ مېڭىنىڭ ئورنىدا ئەستە تۇتۇش، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش، ھېسابلاش، ئەسلەش، سېلىشتۇرۇش ۋە تاللاش خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ، ئىنسانلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇشى مۇمكىن.