UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىھىدروگېن بۇلۇت

ھىدروگېن بۇلۇت

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ھىدروگېن بەكمۇ يېنىك ھەم ئاسان يانىدۇ، ئۇ ھەم توشۇش قۇلايسىز، ھەم خەتەرلىك گاز، ھىدروگېن ئېنېرگىيىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن، ھىدروگېننى ساقلاش ۋە توشۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. ھازىر ئالىملار ھىدروگېننى ساقلاشقا بولىدىغان خېلى كۆپ ماتېرىياللارنى تاپتى. بەزى مېتال قېتىشمىلار ھىدروگېنغا يولۇقسا، مۇئەييەن تېمپېراتۇرا ۋە بېسىم شارائىتىدا ھىدروگېننى بۇلۇت سۇ سۈمۈرگەندەك سۈمۈرۈپ، ھىدروگېن بىرىكمىسى شەكىللەندۈرىدۇ، بېسىم مەلۇم چەككىچە تۆۋەنلىسە، ھىدروگېن بىرىكمىسى يەنە ھىدروگېننى قويۇپ بېرىدۇ. كىشىلەر مۇنداق مېتال ھىدروگېن بىرىكمىسىنى «ھىدروگېن بۇلۇت» دەپ ئاتىدى. بۈگۈنكى كۈندە نەچچە يۈز خىل مېتال ۋە قېتىشمىلار «ھىدروگېن بۇلۇت» شەكىللەندۈرەلەيدۇ. ئۇنى ئىشلەش ئۇسۇلى ھېچقانچە مۇرەككەپ ئەمەس: ئاۋۋال قېتىشما يانجىپ ئۇن قىلىنىدۇ، ئاندىن ھىدروگېن بۇ قېتىشما ئۇنىنىڭ يۈزىگە يۇقىرى بېسىم بىلەن سىڭدۈرۈلىدۇ، كۆپ قېتىم سىڭدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، قېتىشما ئۇنى ھىدروگېننى تېز سۈمۈرەلەيدىغان ۋە قويۇپ بېرەلەيدىغان بولىدۇ. بەزى مېتاللارنىڭ ئېغىرلىقى يۇقىرى بېسىملىق ھىدروگېن باكنىڭ ئاران ئۈچتىن بىرىچىلىك كېلىدۇ. سۈمۈرگەن ھىدروگېنى ھىدروگېن باكىنىڭ سىغىمى بىلەن تەڭ، ئۇنىڭ ھەجمى بولسا، ھىدروگېن باكىنىڭ ھەجمىنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ. »ھىدروگېن بۇلۇت« تا ساقلانغان ھىدروگېندىن پايدىلىنىپ، «ھىدروگېن ماشىنىسى» نى ھەيدەشكە بولىدۇ. ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېللارنى ئاز - تولا ئۆزگەرتسىلا، ھىدروگېن يېقىلغۇ قىلىنىدىغان «ھىدروگېن ماشىنىسى» بولىدۇ. ھىدروگېن ماشىنىسى پاكىز، مۇھىت بۇلغىمايدۇ. ئېلىمىز1981 - يىلى تۇنجى ھىدروگېن ماشىنىسىنى ياسىغان. «ھىدروگېن بۇلۇت» نى ھىدروگېن - نىكېل باتارېيە قىلىپ، سۈنئىي ھەمراھتا قۇياش باتارېيىسى بىلەن نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ قۇياشقا ئارقىسىنى قىلغاندا ھىدروگېن - نىكېل باتارېيە ئىشلەيدۇ. سۈنئىي ھەمراھ قۇياشقا قاراپ تۇرغاندا قۇياش باتارېيىسى ئىشلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھىدروگېن - نىكېل باتارېيە زەرتلىنىدۇ. بۇ زەرەتلىنىش ۋە زەرەت قويۇپ بېرىش «ھىدروگېن بۇلۇت» نىڭ رولىدىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
ھىدروگېن بۇلۇت | UyghurWiki | UyghurWiki