UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىئېلېكترونلۇق دوسكا

ئېلېكترونلۇق دوسكا

پەن - تېخنىكا دۇنياسى كەلگۈسىدە ئوقۇتقۇچى رۇخسەت سورىغاندا ياكى ئوقۇتقۇچى يېتىشمىگەندە، ئېلېكترونلۇق دوسكا ۋاسىتىچى بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى «سۆزلەپ»، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى تاماملىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئېلېكترونلۇق دوسكىنىڭ كۆرۈنۈشى ئادەتتىكى دوسكىغا ئوخشايدۇ، بىراق ئۇ پەۋقۇلئاددە بېىسم سەزگۈچ ماتېرىياللاردىن ياسىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئېلېكترونلۇق دوسكىغا بوردا ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرىنى يازغاندا، دوسكا دەرسخانىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنى نامايان قىلىپ بېرىش بىلەن بىللە، بورنىڭ ئىزىنى ئېلېكتر سىگنالىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئاندىن تېلېفون سىمى ئارقىلىق سىرتقا يوللاپ بېرىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «بېسىم سەزگۈچ ئېلېكترونلۇق دوسكا» دەپ ئاتىشىدۇ. بىر ئوقۇتقۇچى ئېلېكترونلۇق دوسكىدىن پايدىلىنىپ، بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىغا دەرس سۆزلىيەلەيدۇ، ھەتتا باشقا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن دەرسنى ئاڭلىيالايدۇ. ئېلېكترونلۇق دوسكا دەرس سۆزلىگۈچى ئوقۇتقۇچىنىڭ دوسكىغا يازغان خەتلىرىنى سۈرەت قوبۇللاش، تارقىتىش ئاپپاراتى ئارقىلىق رەقەملەر بەلگىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، باشقا سىنىپ ياكى باشقا مەكتەپلەرنىڭ تېلېۋىزور ئېكرانىدا ئايان قىلىپ بېرىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاۋازى ئاپپارات ئىچىدىكى مىكروفون ئارقىلىق تېلېفوندىن پايدىلىنىپ يەتكۈزۈلىدۇ. ئەگەر يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە بولسا، ئوقۇتقۇچىنىڭ سىماسىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى كەلمەي قالغان تەقدىردىمۇ، دەرس ئۆتىدىغان ئادەم بولماي قېلىشتىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. ئېلېكترونلۇق دوسكىنىڭ يەنە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىمۇ بار. كىشىلەر يىراقتىن تىزگىنلەش پونكىتى ئارقىلىق دوسكا «ئەۋەتكەن«» رەقەملەر بەلگىلىرىنى سۈرەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ياكى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى باھالاشتا پايدىلىنالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قوبۇل قىلغۇچى تەرەپكە كوپىيە ماشىنىسىنى ئۇلاپ، تېلېۋىزىيە ئېكرانىدىكى سۈرەت ۋە مىكروفوندىكى ئاۋازنى كۆچۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكرار قىلىشى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ كونسۇلتاتسىيە قىلىشىدا پايدىلانغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
ئېلېكترونلۇق دوسكا | UyghurWiki | UyghurWiki