UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسى«يالىغاندەك پاكىز» زاۋۇت

«يالىغاندەك پاكىز» زاۋۇت

پەن - تېخنىكا دۇنياسى چاڭ - توزان ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى بۇزىدىغان «باش جىنايەتچى».2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ئايروپىلانغا يول باشلايدىغان گروسكوپ ئىشلەپچىقارغان، بىراق ھەممىسى لاياقەتسىز بولغان، كېيىن قارىسا، بۇنى ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىدىكى چاڭ - توزان كەلتۈرۈپ چىقارغانىكەن. ھاۋادىكى چاڭ - توزان مىقدارى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. شەھەردىكى ھەر لىتىر ھاۋادا چاڭ - توزان مىليوندىن ئاشىدۇ. ئۇلارنىڭ كىرمەيدىغان تۆشۈكى يوق، ھىم ئېتىلگەن ئىشىك - دېرىزىلەردىنمۇ كىرىۋېرىدۇ. ئۆلچەشكە ئاساسلانغاندا، ئادەم ئادەتتىكى ئۆيدە ماڭغاندا3 .0 مىكروندىن چوڭ چاڭ - توزاندىن مىنۇتىغا5 مىليون دانىنى قوچۇيدۇ؛ ئولتۇرغان يېرىدىن قوپقاندا5 .2 مىليون دانىنى قوچۇيدۇ؛ ئولتۇرغاندا پۇتىنى بىر مىدىرلىتىپ قويسىمۇ5 .0 -1 مىليون دانىنى قوچۇيدۇ. ئارخىتېكتورلار چاڭ - توزان زادىلا كىرەلمەيدىغان «دەرىجىدىن تاشقىرى پاكىز» زاۋۇت لايىھىلىدى. مۇنداق زاۋۇتتا1 لىتىر ھاۋادا3 .0 مىكروندىن چوڭ چاڭ - توزان5 .3 دانىدىن ئاشمايدۇ. ئۇنى «يالىغاندەك پاكىز زاۋۇت» دېيىش مۇمكىن، چۈنكى3 .0 مىكروندىن چوڭ340 دانە توزاننى تىزسىمۇ ئاران بىر تال چاچنىڭ توملۇقىچىلىك كېلىدۇ. دەرىجىدىن تاشقىرى پاكىز زاۋۇتتا كۆكەرتىلگەن پاكىز مۇھىتتىن باشقا، يەنە ئەڭ مۇھىم مەسىلە شامال ئۆتۈشتۈرۈش، چاڭ - توزانلارنى يوقىتىش، سىرتقى دۇنيادىن «ئايرىۋېتىش» كېرەك، زاۋۇت ئۆيىگە كىرىدىغان ھاۋانى قايتا - قايتا سۈزۈپ، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇش، يەنە ھەربىر يېرىم مىنۇتتا بىر قېتىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە ھاۋانى يېنىككىنە يەلپۈپ، چاڭ - توزانلارنى ھەيدەپ چىقىرىۋېتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋا بېسىمىنى سىرتنىڭكىدىن يۇقىرىراق قىلىپ، سىرتتىكى پاكىز بولمىغان ھاۋانىڭ ئۆيگە كىرىشىنى توسۇش كېرەك. زاۋۇتقا كىرىدىغان ھەممە ئادەم ۋە بۇيۇملاردىكى چاڭ - توزانلارنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك، ئىشچىلار زاۋۇت ئۆيىگە كىرىشتە، ئاۋۋال ئۇزۇن بىر كارىدوردىن ئۆتۈپ، بۇ يەردە «ھاۋا دۇش» تا بىرنەچچە قېتىم يۇيۇنۇشى، ئاندىن ئىشىك ئالدىدىكى كىيىم يۆتكەش بۆلۈمىدە ئىشتان - چاپان، ئاياغ، پايپاقلىرىنى يۆتكەپ، ھاۋا مۇنچىسىدا يەنە بىر قېتىم يۇيۇنۇپ، ئىككىنچى ئىشىكتىن كىرىشى، كېيىن ئالاھىدە لايىھىلەنگەن «پۈۋلىمە دۇش بۆلۈمى» دە ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشى كېرەك. ئۈستۋېشى پاكىزلىقى ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن پاكىز ئىش كىيىمىگە ئالماشتۇرۇپ، زاۋۇت ئۆيىگە كىرسە بولىدۇ. دېتاللارنى زاۋۇتقا ئەكىرىشتىمۇ ۋاكۇئۇمدا توزان تازىلاش، ئۇلترا ئاۋاز بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق ئۈزۈل - كېسىل تازىلىغاندىن كېيىن، مېخانىك قول يوللاپ بېرىش دېرىزىسىدىن سۇنۇپ بېرىدۇ. تاشقى دېرىزە يېپىلغاندىن كېيىن، ئىچىدىكى دېرىزىنى ئېچىشقا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
«يالىغاندەك پاكىز» زاۋۇت | UyghurWiki | UyghurWiki