UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىبوشلۇقتىكى ئايرودروم

بوشلۇقتىكى ئايرودروم

پەن - تېخنىكا دۇنياسى دۇنيادىكى بارلىق ئايرودروملار قۇرۇقلۇققا ياسالغان، كەلگۈسىدىكى ئايرودروملار بوشلۇققا يۆتكىلىپ «بوشلۇقتىكى ئايرودروم» غا ئايلىنىدۇ. يەرگە قونمايدىغان بۇ خىل بوشلۇقتىكى ئايرودروم بىر نەچچە قاناتنىڭ بوشلۇقتا تۇتىشىشىدىن شەكىللىنىدۇ. قانات − ئايروپىلان گەۋدىسى، قۇيرۇق قانىتى يوق، يالغۇز ئايروپىلان قانىتىلا بولغان ئۇچقۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، ئۇچۇشتا ئۇچرايدىغان قارشىلىق كۈچى كىچىك، كۆتۈرىدىغان ئېغىرلىقى زور، ئەڭ ئېغىر بولغاندا600 −700 توننا ھەتتا1000 تونىدىن ئارتۇق ئېغىرلىقنى كۆتۈرەلەيدۇ. ھەربىر مۇستەقىل قاناتقا800 −1000 ئادەم ئولتۇرالايدۇ. ئوخشاش بىر ئايرودروم ياكى ئوخشاش بولمىغان ئايرودرومدىن كۆتۈرۈلگەن بىرنەچچە قانات بەلگىلەنگەن بوشلۇقتا تېز سۈرئەتتە جۈپلىشىپ، «چوڭ قانات» نى شەكىللەندۈرىدۇ، چوڭ قانات ئادەملەر ئالدىن بەلگىلىگەن ئەڭ ياخشى ئۇچۇش لىنىيىسى بويىچە، يېقىلغۇ ئەڭ كۆپ تېجىلىدىغان ئۇچۇش ئېگىزلىكى ۋە سۈرئىتى بىلەن بوشلۇقتا ئۇزۇن مۇددەت چارلاپ ئۇچىدۇ. ئۇنىڭ رېمونت قىلىنغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئادەتتە يەرگە قونمايدۇ. شۇنداق بولغاندا، بوشلۇقتا ئۇچالايدىغان بازا − بوشلۇقتىكى ئايرودروم شەكىللىنىدۇ. بوشلۇق ئايرودرومى لىنىيىسىدىكى ھەم لىنىيىنىڭ ئىككى چېتىدىكى يەر يۈزى ئايرودرومىدىكى يولۇچىلار ۋە ماللار مەخسۇس «توشۇغۇچى ئايروپىلان» ئارقىلىق بوشلۇققا توشۇلىدۇ. توشۇش ئايروپىلانى قىلىشقا ئادەتتىكى مۇنتىزم ئايرۇپىلانلارنى تاللاشقا بولىدۇ، ئۇ بوشلۇق ۋە يەر يۈزى ئارىلىقىدىكى ترانسپورت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. توشۇش ئايروپىلانى بوشلۇققا چىقىپ، چوڭ قاناتقا توغرىلىنىپ، بوشلۇق ئايرودرومىغا «قونىدۇ». مال يەتكۈزۈش سىستېمىسى يولۇچى ۋە ماللارنى چوڭ قاناتقا ئاپتوماتىك كىرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوڭ قاناتقا يېقىلغۇ، رېمونت ئۈسكۈنىلىرى ۋە نۆۋەتلىشىدىغان ئۇچقۇچىلارنى ئېلىپ بارىدۇ. ئاندىن قاناتتا ئايروپىلان ئالمىشىشنى كۈتۈپ تۇرغان يولۇچى، مال ۋە يەر يۈزىگە قايتىپ دەم ئالىدىغان ئۇچقۇچىلارنى يەر يۈزىدىكى ئايرودروملارغا ئايرىم - ئايرىم ئېلىپ كېلىدۇ. يولۇچى ۋە ماللارنى ئۇچۇش داۋامىدىلا ئالماشتۇرغىلى بولغاچقا، قونۇشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇڭا، يەر يۈزى ئايرودروملىرىدىكى جىددىيچىلىك، قىستاڭچىلىق ۋە شاۋقۇن بىلەن بۇلغىنىش زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ ھەم ھاۋا ترانسپورتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئاشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
بوشلۇقتىكى ئايرودروم | UyghurWiki | UyghurWiki