تاشقىندىن توك ئېلىش
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
تاشقىن بىر كۆتۈرۈلۈپ بىر پەسىيىدۇ، ئۇ دېڭىزنىڭ نەپەس ئېلىشىغا ئوخشايدۇ. ۋاقتى تۇراقلىق، ھەر12 سائەت25 مىنۇتتا بىر قېتىم توختىماي تەكرارلىنىدۇ. بۇنىڭغا پۈتمەس - تۈگىمەس ئېنېرگىيە يوشۇرۇنغان. ئالىملارنىڭ مۆلچەرىچە، يەر شارىدىكى تاشقىن ئېنېرگىيىسى تەخمىنەن1 مىليارد كىلوۋاتتىن ئاشىدۇ، تولۇق پايدىلانسا، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئومۇمىي توك مىقدارىدىنمۇ ئاشىدۇ.
تاشقىندىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىش ئادەتتىكى سۇ كۈچىدىن توك ھاسىل قىلىشقا ئوخشايدۇ. دېڭىزغا يېقىن دەريا ئېغىزىغا تۇغان سېلىنىدۇ، دېڭىز قولتۇقىنى تۇغان ئارقىلىق دېڭىزدىن ئايرىپ، تەبىئىي سۇ ئامبىرى ياسىلىدۇ. تۇغاننىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈرگەن ۋە تۇربىنلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئورنىتىلىدۇ، تاشقىننىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىشى بىلەن سۇ يۈزىنىڭ ئۆرلەش - چۈشۈشىدىن پايدىلىنىپ، چاق ئايلىنىپ توك تارقىتىدۇ.
ئېلىمىز دېڭىز ياقىلىرىنىڭ تاشقىن ئېنېرگىيىسى ئىنتايىن مول، تەخمىي مۆلچەرلىنىشىچە190 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدۇ، يالغۇز شەرقىي دېڭىزدىكى تاشقىن ئېنېرگىيىسى زاپىسىلا74 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە جېجياڭ، فۇجيەنلەردىكى تاشقىن ئېنېرگىيىسى مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي تاشقىن ئېنېرگىيىسىنىڭ %80 ىدىن كۆپ، خاڭجۇ قولتۇقىنىڭ تەخمىنەن7 .7 مىليون كلوۋات، مۇبادا مەشھۇر چيەنتاڭجياڭ دەريا تاشقىنىدىن توك ئېلىنسا، توك مىقدارى سەنمىشيا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى تارقاتقان توك مىقدارىنىڭ يېرىمىغا يېتىدۇ. ئېلىمىز1972 - يىلىدىن باشلاپ جېجياڭنىڭ يۆچىڭ قولتۇقىدىكى جياڭشيادا توك سىغىمى3 مىڭ كىلوۋاتلىق تاشقىن ئېلېكتر ئىستانسىسىنى سىناپ قۇردى، بۇ ئېلېكتردىكى ھازىرقى ئەڭ چوڭ تاشقىن ئېلېكتر ئىستانسىسى ھېسابلىنىدۇ.
تاشقىندىن توك ئېلىشتا دەريا ئېغىزى، دېڭىز قولتۇقلىرى تەبىئىي سۇ ئامبىرى قىلىنىدۇ، چوڭ يەر ئىگىلىمەيدۇ، پەسىل ۋە ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، يېقىلغۇ كەتمەيدۇ، مۇھىت بۇلغىمايدۇ، يەنە سۇ مەھسۇلاتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، قاشالاپ يەر ئېچىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.