UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىسۈنئىي شامالدىن توك ئېلىش

سۈنئىي شامالدىن توك ئېلىش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ئوچاققا ئوت ياققاندا، ئاۋۋال تۇتۇرۇقتا ئوت تۇتاشتۇرۇپ، ئۈستىگە كۆمۈر سېلىپ، ئوچاق ئۈستىگە ئۇچى ئىنچىكە، تۈۋى يوغان كونۇس شەكىللىك كاناينى قويسا، ئوت يەلپۈمىسىمۇ گۈرۈلدەپ كۆيىدۇ، بۇ سۈنئىي شامالدىن پايدىلىنىپ ئوت قالاشتۇر. سۈنئىي شامالدىن توك ئالغىلىمۇ بولىدۇ. سۈنئىي شامالدىن توك ھاسىل قىلىش قۇرۇلمىسى يىراقتىن قارىغاندا يۇمىلاق چوڭ پارنىكقا ئوخشايدۇ، ئۈستى سۈزۈك سۇلياۋ پەردە بىلەن يېپىلغان، ئوتتۇرىسىدا تۇرخۇنغا ئوخشاش سىلىندىرسىمان مۇنار بولىدۇ. سۇلياۋ لاپاسنىڭ تېگى قېنىق رەڭدە بولۇپ، قۇياشنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنى كۆپلەپ سۈمۈرىدۇ. كۈن نۇرى سۇلياۋ لاپاسقا چۈشسە، تېگىدىن لاپاس ئىچىگە سوغۇق ھاۋا كىرىپ ئىسسىغاندىن كېيىن يۇقىرى ئۆرلىمەي، پەقەت لاپاس ئوتتۇرىسىدىكى مۇنار بويلاپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش جەريانىدا، بۇ ھاۋا قۇياشنىڭ قىزدۇرۇشى بىلەن ئۈزلۈكسىز ئىسسىپ، ئالاھىدە تارتىش كۈچى ھاسىل قىلىپ، مۇنار ئىچىگە ئورنىتىلغان گېنېراتورنىڭ چاقىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، خېلى كۆپ توك ھاسىل قىلىدۇ. ئىسپانىيىنىڭ مادرىد شەھىرىدە بىر سۈنئىي شامال ئېلېكتر ئىستانسىسى بار، پارنىكنىڭ دىئامېتىرى500 مېتىر، سىلىندىرسىمان مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى200 مېتىر بولۇپ،1000 كىلوۋاتلىق تۇربىنلىق گېنېراتورنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. ئامېرىكا، شۋېتسىيە، دانىيىلەر زور تىپتىكى شامال ئېلېكتر ئىستانسىسنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. تەتقىق قىلىنىۋاتقان بىر شامال ئېلېكتر ئىستانسىسى پارنىكنىڭ دىئامېتىرى10 كىلومېتىر، ھاسىل بولغان ئىسسىق شامالنىڭ تېزلىكى سېكۇنتىغا20 −60 مېتىر بولۇپ، توققۇز بال بورانغا باراۋەر كېلىدۇ، ئۇ مۇنار ئىچىگە ئورنىتىلغان گېنېراتورنىڭ چاقىنى قوزغاپ،1 مىليون كىلوۋات توك چىقىرىدۇ، ئۇ ئوتتۇرا ھال ئاتوم ئېلېكتر ئىستانسىسىغا تەڭ كېلىدۇ. تەجرىبىلەر ئىسپاتلىدىكى، بۇ قۇرۇلما بىلەن كۈندۈزى شامال يوق چاغلاردا »شامال چىقىرىپ« توك ھاسىل قىلىپلا قالماي، كېچىسىمۇ كۈندۈزى قىزىغان پارنىكتا شوراش كۈچى ھاسىل قىلىپ توك ئالغىلى بولىدۇ؛ ھەتتا، ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرىمۇ بۇلۇتلار تارقاتقان ئىنفرا قىزىل نۇر ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ، تۇربىنىنى ئوخشاشلا ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ توك ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى