UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىيىراق ئېنفرا قىزىل نۇر بىلەن قىزىتىش

يىراق ئېنفرا قىزىل نۇر بىلەن قىزىتىش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى كۈن نۇرى پرىزمىدىن ئۆتسە قىزىل، قىزغۇچ سېرىق، سېرىق، يېشىل، نىل، كۆك، سۆسۈن رەڭلەرگە ئاجرىلىدۇ. تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋىنىدىكى سىماب شارچىسىنى قارا بوياپ، نۇر بەلۋېغىغا تۇتۇپ، سۆسۈندىن قىزىلغا قاراپ سۈرسە، تېمپېراتۇرا بارا - بارا كۆتۈرۈلىدۇ. تېمپېراتۇرىنى قىزىلنىڭ ئۈستىدىكى تۇتۇق يەرگە تۇتسا، تېمپېراتۇرا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، تېمپېراتۇرا قىزىلنىڭ سىرتىدىكى يىراقراق يەردە ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدۇ، بۇ كىشىلەر «ئىنفرا قىزىل نۇر» دەيدىغان رايوندۇر. ئالىملارنىڭ ھېسابلىشىچە، قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئېنېرگىيىسىنىڭ 60% تىن كۆپرەكى ئىنفرا قىزىل نۇرغا مەركەزلەشكەن. ئالىملار قۇياشنىڭ مۇشۇ خۇسۇسىيىتىگە ئاساسلىنىپ، بۇيۇملارنى قىزىتىش ۋە قۇرۇتۇش قۇرۇلمىسىنى لايىھىلىگەن، بۇ ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق قىزىتىش ۋە قۇرۇتۇش ئەسۋابى دېيىلىدۇ. ئىنفرا قىزىل نۇردىن پايدىلىنىپ قىزىتىپ قۇرۇتسا، ئېنېرگىيە تېجىلىدۇ، پار بىلەن قىزىتقانغا قارىغاندا ئۈنۈمى10 ھەسسە ئەتراپىدا ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۈپىتى ياخشى بولىدۇ، ئاشلىق ۋە يېمەكلىكلەردىكى مىكروب ۋە زىيانلىق ھاشاراتلارنى يوقىتالايدۇ. ماددىلار قىزىسا مولېكۇلا ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ. ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ رادىئاتسىيە سېكۇنتلۇق تەۋرىنىش قېتىمى يورۇتۇلغان ماددا مولېكۇلا ھەرىكىتى بىلەن بىردەك بولغاندا، ماددا مولېكۇلىلىرى قوبۇل قىلغان ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ رادىئاتسىيە ئېنېرگىيىسى مولېكۇلىلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. بۇ خۇددى ئىلەڭگۈچكە ئوخشايدۇ، ئىتتىرگەن كۈچ بىلەن بىردەك بولغاندا، ئىلەڭگۈچ ئىتتىرگەنچە تېزلىشىدۇ، شۇڭا جىسىم قىزىغانچە تېز قۇرۇيدۇ. ئادەتتە كىشىلەر رادىئاتسىيە دولقۇن ئۇزۇنلۇقى76 .0 −3 مىكرون ئارىلىقىدا بولسا، يېقىن ئىنفرا قىزىل نۇر دەپ،3 مىكروندىن يۇقىرى بولسا يىراق ئىنفرا قىزىل نۇر دەپ ئاتايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنفرا قىزىل نۇر بىلەن قىزىتىپ قۇرۇتقاندا، ئوخشىمىغان دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى ئىنفرا قىزىل نۇرنىڭ ئوخشىمىغان قىزىتىپ قۇرۇتىدىغان «دوست» تېپىۋېلىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. يېقىن ئىنفرا قىزىل نۇر بىلەن سىرلانغان دېتالنى يورۇتقاندا، سىر% 10 رادىئاتسىيە دولقۇنىنى سۈمۈرىدۇ،% 30 نى قايتۇرىدۇ،% 60 ى سىردىن ئۆتۈپ دېتال سۈمۈرىدۇ؛ ئۇنى يىراق ئىنفرا قىزىل نۇر بىلەن يورۇتقاندا، سىر% 50 نى سۈمۈرىدۇ.% 50 ى سىردىن ئۆتۈپ دېتال سۈمۈرىدۇ، دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئالكىد سىمولسى، ئامىنو سىمولسى ۋە سۇدا ئېرىيدىغان سىرلار يىراق ئىنفرا قىزىل نۇرنى تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرىدۇ، ئۇلارنى قىزىتىپ قۇرۇتۇش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. قىزىتىپ قۇرۇتۇش سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدا كەم بولسا بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى