UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىيېڭى تۇرالغۇ

يېڭى تۇرالغۇ

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ئالىملار كەلگۈسىدىكى ئاھالە ئۆيلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ چىقتى، بۇ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مۇقىم تېمى يوق چوڭ ئۆيلەردىن ئىبارەت. ئارخىتېكتورلار ئۆيلەرنى ئايرىشقا ئىشلىتىلىدىغان يېنىك تىپتىكى ھەرىكەتچان تام ۋە تورۇسنىلا لايىھىلەپ بېرىدۇ، ئۆي ئىگىسى ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۆيلەرنى ئايرىپ ياكى تۇتاشتۇرۇپ خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆينى ئۆزگەرتىش ئائىلىدىكى كومپيۇتېر ئارقىلىق تىزگىنلىنىدۇ، ئادەتتە، كۇنۇپكىنى بېسىپ قويسىلا كۇپايە. كەلگۈسىدىكى تۇرالغۇلارنىڭ ئۆي ئىچى ھاۋاسى ساپ، تېمپېراتۇرىسى يېقىشلىق بولىدۇ، بۇمۇ «ئۆي تىزگىنلەش ئەسۋابى» − كومپيۇتېرنىڭ تۆھپىسى. كومپيۇتېر ئۆي ئىچىدىكى ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى ئاپتوماتىك تىزگىنلەپ، تېمپېراتۇرىنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئۆي ئىگىسى بىر كۈن ئىچىدىكى نەچچە سائەت، ھەتتا بىر ھەپتە ئىچىدىكى نەچچە كۈنلۈك ئۆي تېمپېراتۇرىسى، نەملىكى قاتارلىقلارنى ئالدىن بەلگىلەپ، پروگرامما ئارقىلىق كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈشى كېرەك. ئۆي تىزگىنلەش ئۈسكۈنىسى يەنە ۋىكليۇچاتېلنى تىزگىنلەپ، ئۆي ئىچىدىكى ئېلېكتر چىرىغى ۋە تۈرلۈك ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرىدۇ. كومپيۇتېر توك ئىشلىتىش ۋاقتى ۋە توك سەرپىياتىنى خاتىرىلەپ، ئومۇمىي توك سەرپىياتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كونترول قىلىدۇ. تۈرلۈك ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىغان ماشىنىلارنىمۇ ئۆي تىزگىنلەش ئۈسكۈنىسى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ. ئەگەر تېلېفوننى ئۇنىڭغا ئۇلاپ قويسا، خالىغان جايدا تۇرۇپ، تۈرلۈك ماشىنىلارغا يىراقتىن قوماندانلىق قىلغىلى بولىدۇ. كەلگۈسىدىكى ئائىلىلەردە ھازىرقى تۆت چوڭ ئېلېكتر ئۈسكۈنىسى − رەڭلىك تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىر ماشىنىسى، سىنئالغۇلارنىڭ ئورنىنى «بەش چوڭ ئېلېكتر ئۈسكۈنىسى» ئالىدۇ. لازېرلىق پاتېفون ۋە تەقلىدىي رەقەملىك ناخشا پلاستىنكىسى كىشىلەرگە لەرزان، يېقىملىق ئاۋازلارنى ئاتا قىلىدۇ؛ قوش ئېكرانلىق تېلېۋىزور ئوخشاش بىر تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ياكى بىرنەچچە قانالدىكى پروگراممىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؛ مىكرو دولقۇنلۇق دۇخوپكىدا تاماق ئېتىش سۈرئىتى تېز، ئېنېرگىيە تېجەشلىك، پاكىز بولىدۇ؛ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق كىر ماشىنىسىدا سويۇق سوپۇن ئىشلەتمەيمۇ كىيىمنى پاكىز يۇغىلى بولىدۇ؛ ئېلېكترون مېڭىلىك كىيىم تىكىش ماشىنىسى يارىشىملىق كىيىملەرنى ئاپتوماتىك تىكەلەيدۇ. كەلگۈسىدىكى يېڭى ئۆيلەر ئىنتايىن بىخەتەر تۇرالغۇ ھېسابلىنىدۇ. كىشىنى خاتىرجەم قىلمايدىغان ئىشەنچىسىز قۇلۇپلار ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ. «كۈنجۈت، ئىشىكنى ئاچ!» دېگەن ئەپسانىگە ئوخشاش ئىشىك ئېچىش ئۇسۇلى ئومۇملىشىدۇ. كونتاكتلىق قۇلۇپقا ئالدىن پروگرامما قىلىپ كىرگۈزۈلگەن بارماق ئىزىلا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ؛ ئاۋاز قۇلۇپى خوجايىننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىلا ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ. يېڭى تۇرالغۇدىكى ھەربىر ئۆيگە ھەرىكەت تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئورنىتىلغان بولۇپ، ناتونۇش مېھماننى بايقىغان ھامان كومپيۇتېر چىراغلارنىڭ تەڭ يېنىشىغا، ئاۋاز ياڭراتقۇنىڭ سىگنال بېرىشىگە قوماندانلىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساقچىغا ئاپتوماتىك مەلۇم قىلىدۇ. ئەگەر ئوت ئاپىتى يۈز بەرسە، كومپيۇتېر توك مەنبەسىنى ئاپتوماتىك ئۈزۈپ تاشلايدۇ ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىگە مەلۇم قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى