UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىئېلېكتر قارشىلىقى بولمىغان ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ

ئېلېكتر قارشىلىقى بولمىغان ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ

پەن - تېخنىكا دۇنياسى 20 مىڭ كىلوۋات توك چىقىرىدىغان بىر ئېلېكتر ئىستانسىسى توك بېسىمىنى3 .6 كىلوۋولتقا يەتكۈزسىمۇ، يەنى ئۈچ قول توملۇقىدا ئادەتتىكى توك سىمى ياسىسىمۇ، توكنى30 كىلومېتىردىن يىراققا يەتكۈزەلمەيدۇ، چۈنكى توكنى ئۆتكۈزگۈچ سىم تامامەن سەرپ قىلىپ تۈگىتىدۇ. ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلەردىن سىم ياسىسا، تۇراقلىق توكنى نەچچە تۈمەن كىلومېتىرلاپ يىراققا ئۇزاتسىمۇ، توك قىلچە خورىمايدۇ.1911 - يىلى گوللاندىيىلىك بىر ئالىم بىر تەجرىبە ئىشلىگەن: سىمابنى نۆلدىن تۆۋەن ℃40 سوۋۇتۇپ قاتۇرۇپ، بىر تال سىمغا ئايلاندۇرغان، ئاندىن نۆلدىن تۆۋەن ℃269 (مۇتلەق تېمپېراتۇرا بويىچە2 .4 گرادۇس) قىچە سوۋۇتقان، بۇ چاغدا سىماب سىمدىن بىرنەچچە مىللىي ئامپېر توك ئۆتكۈزۈپ، ئىككى ئۇچتىكى توك بېسىمىنى ئۆلچىيەلمىگەن، ئەسلىدە بۇ تېمپېراتۇرىدا سىماب سىمنىڭ ئېلېكتر قارشىلىقى پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدىكەن. كىشىلەر ئېلېكتر قارشىلىقى توساتتىن نۆلگە چۈشىدىغان مۇنداق ھادىسىنى ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ھادىسىسى دەپ، ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك خۇسۇسىيىتى بار ماتېرىياللارنى ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلەر دەپ ئاتايدۇ. ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلەردىن تەخسە ياساپ، ئۈستىگە ھەجمى كىچىك، ماگنىتى ئىنتايىن كۈچلۈك مەڭگۈ ماگنىت قويۇپ، تېمپېراتۇرىنى ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ھاسىل بولۇش تېمپېراتۇرىسىغىچە تۆۋەنلەتسە، ماگنىت تەخسىدىن ئايرىلىپ ھاۋادا لەيلەيدۇ. مانا بۇ ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ ماگنىتقا قارشى (ئانتى ماگنىت) ئىقتىدارى ياكى ماگنىت لەيلىتىشچانلىقى. ماگنىتنىڭ تارتىش كۈچى ماگنىت ئىندۇكسىيە كۈچىنىشى بولغان »گائۇس« بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئادەتتىكى ماگنىتلىق ماتېرىياللاردىن ياسالغان مەڭگۈ ماگنىتنىڭ ماگنىت ئىندۇكسىيە كۈچىنىشى ئەڭ يۇقىرى دېگەندە7000 گائۇس ئەتراپىغا بارالايدۇ. ئەگەر ئېلېكتر ماگنىتتىن پايدىلانسا، توكنى كۈچەيتىش يولى بىلەن خالىغان چوڭلۇقتىكى ماگنىت مەيدانىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئەمما، مىس، تۆمۈرلەر غايەت زور ئېنېرگىيىنى ئىسراپ قىلىدۇ. مىسالغا ئالساق،100 مىڭ گائۇسلۇق دائىمىي ماگنىتنىڭ ئۆزىگە كېتىدىغان توك مىقدارى1600 كىلوۋات بولۇپ،100 مىڭ ئاھالىسى بار بىر شەھەرنىڭ يورۇتۇشقا ئىشلىتىدىغان بارلىق توكىغا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىنۇتىغا4500 لىتىر سوۋۇتقۇچ سۇ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللاردىن ئوخشاش كۈچىنىشتىكى ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ماگنىت ياسالسا،1000 كىلوۋاتتىن ئارتۇقراق توك يېتىدۇ، غايەت زور سوۋۇتۇش ئەسلىھەلىرىمۇ كەتمەيدۇ، ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ماگنىتنىڭ ھەجمى كىچىك بولۇپلا قالماي، ئېغىرلىقىمۇ دائىمىي ماگنىتنىڭ نەچچە مىڭدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ ماگنىت لەيلىتىشچانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ماگنىتلىق لەيلەش پويىزى ياساپ، سۈرئىتىنى سائىتىگە550 كىلومېتىرغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ؛ راكېتانىڭ سىيرىلگۈچى بىلەن ئوربىتا ئوتتۇرىسىدىكى تېگىشىشتىن ساقلىنىپ، راكېتانى قويۇپ بېرىش تېزلىكىنى سېكۇنتىغا5000 مېتىرغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. ئۇلترا توك ئۆتكۈزۈشچانلىق تولىمۇ تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا بارلىققا كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇرۇن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش زور چەكلىمىگە ئۇچرايتتى، ھازىر ئالىملار ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچكە ئايلىنىش تېمپېراتۇرىسىنى بىر قاتلاپ، سۇيۇق ھىدروگېننى سوۋۇتقۇچ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ تېخنىكىنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى، بۈگۈنكى كۈندە ئالىملار ئۆي تېمپېراتۇرىسى شارائىتىدىكى ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلەرنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ ۋە بەزى ئىشەنچلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ئىش روياپقا چىقسىلا كىشىلەر ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلەرنى مۇز كالتەكنى ساندۇققا قاچىلىغاندەك، «مۇز قاچا» غا قاماپ قويماي، تەبىئىي شارائىتلاردىمۇ ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ئۈنۈمىگە ئېرىشىپ، ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى