UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىرەقەملىك كونترول ئىستانوكى

رەقەملىك كونترول ئىستانوكى

پەن - تېخنىكا دۇنياسى رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان ئىستانوكتا مۇرەككەپ دېتاللارنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندە، ئىشچىلار ماشىنىدا مەشغۇلات قىلمايدۇ، پىششىقلاپ ئىشلەش باسقۇچلىرى ۋە تەرتىپى، قانداق تىغلىق ئەسۋاب ئىشلىتىلىدىغانلىقى، ھەر قېتىم قانچىلىك يۆتكىلىدىغانلىقى، زاپچاسنىڭ ئايلىنىش تېزلىكى قاتارلىقلار چېرتيوژنىڭ تەلىپى بويىچە رەقەم ۋە يېزىق بەلگىسى شەكلىدە قارا قەغەز لېنتىغا كىچىك تۆشۈك تېشىلىدۇ، ئاندىن قەغەز لېنتا فوتو ئېلېكترلىك لېنتا ئوقۇش ماشىنىسىغا كىرگۈزۈلسە، ئىستانوك ئېھتىياجلىق دېتالنى ئاپتوماتىك پىششىقلايدۇ. رەقەملىك كونترول ئىستانوكى كىرگۈزۈش قۇرۇلمىسى، رەقەملىك كونترول قۇرۇلمىسى، مۇلازىمەت قۇرۇلمىسى، ئىستانوك ۋە تەكشۈرۈپ ئۆلچەش قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت بەش قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ، فوتو ئېلېكترلىك كىرگۈزۈش ماشىنىسى ماشىنىنىڭ كۆزىگە ئوخشايدۇ، ئۇ چېرتيوژنىڭ تەلىپىنى تۆشۈكلۈك قەغەز لېنتىغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، قەغەز لېنتىدىكى كىچىك تۆشۈكلەرنى ماشىنا تونۇيالايدىغان ئالاھىدە يېزىققا ئايلاندۇرىدۇ، ماشىنا فوتو ئېلېكترلىك كىرگۈزۈش ماشىنىسى ئارقىلىق، ھەر خىل پىششىقلاپ ئىشلەش ھەرىكەت تەلەپلىرىنى بىلەلەيدۇ، رەقەملىك كونترول قۇرۇلمىسى ئىستانوكنىڭ «مېڭىسى» گە ئوخشايدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ قەغەز لېنتىدىكى «بۇيرۇقى» بويىچە ھېسابلاپ، ھېسابلاپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى مۇلازىمەت قۇرۇلمىسىغا يوللاپ بېرىدۇ. مۇلازىمەت قۇرۇلمىسى ئادەمنىڭ پۇت - قولىغا ئوخشايدۇ، ئۇ رەقەملىك كونترول ئىستانوكىدىن كەلگەن سىگنالنى چوڭايتىپ ۋە ئالماشتۇرۇپ، خۇددى ئىستانوكنىڭ تۇتقۇچ، ۋىكليۇچاتېللىرىنى باشقۇرغاندەك، ئىستانوكنىڭ ھەرىكەت تەرتىپى ۋە يۆتكىلىش مىقدارىنى تىزگىنلەپ، چېرتيوژدىكى تەلەپكە مۇۋاپىق دېتاللارنى ئاپتوماتىك پىششىقلاپ چىقىرالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىستانوكنىڭ خىزمەت سۇپىسىنىڭ يۆتكىلىشىمۇ تەكشۈرۈپ ئۆلچىنىدۇ، بۇ خۇددى ئادەتتىكى ئىستانوكتا دېتال پىششىقلاپ ئىشلىگەندە، ئىشچى چېرتيوژدىكى تەلەپ بويىچە دائىم ئۆلچەپ تۇرغىنىغا ئوخشايدۇ. رەقەملىك كونترول ئىستانوكنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئۇسۇلى ئادەتتە ئوپتىكىلىق ۋە ئېلېكترو ماگنىتلىق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ ئۇزۇنلۇق ۋە بۇلۇڭنى ئاپتوماتىك ئۆلچىگىلى بولىدۇ. رەقەملىك كونترول ئىستانوكى تۆشۈك لېنتا ئالماشتۇرۇلسىلا يېڭى دېتالنى پىششىقلاپ ئىشلىيەلەيدۇ، بۇ ئوتتۇرا - كىچىك تىپلىق تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشقا بەكمۇ قۇلايلىق. »پىششىقلاپ ئىشلەش مەركىزى« دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئىستانوك نۆۋەتتىكى رەقەملىك كونترول ئىستانوكلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ دېتال قىسىش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلگەن ئەھۋالدا، تىغلىق ئەسۋابلار ئامبىرىغا قويۇلغان نەچچە ئون خىل تىغلىق ئەسۋابلارنى ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇپ، مۇرەككەپ دېتاللارنى كۆپ خىل پىششىقلاپ ئىشلەش تەرتىپىنى ئاپتوماتىك تاماملاپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ نازۇكلۇق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
رەقەملىك كونترول ئىستانوكى | UyghurWiki | UyghurWiki