UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىسۇ ئاستى قۇرۇلۇشلىرى

سۇ ئاستى قۇرۇلۇشلىرى

پەن - تېخنىكا دۇنياسى سۇ ئاستىدا تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىنتايىن مۈشكۈل، چۈنكى، سۇنىڭ بېسىم كۈچى بار. سۇنىڭ بېسىمى ئاتموسفېرا بېسىمىنىڭ100 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، دېمەك، سۇ ھەر10 مېتىر چوڭقۇرلىغاندا، سۇ بېسىمى بىر ئاتموسفېرا بېسىمى ئېشىپ بارىدۇ. كىشىلەر سۇغا چۆكۈش ئۈسكۈنىسىنى كەشپ قىلغاندىن كېيىن، ئەڭ كۆپ بولغاندا10 مىڭ مېتىردىن ئارتۇقراق چۆكەلەيدىغان بولدى. سۇغا چۆكۈش ئۈسكۈنىسى ئىچىدىكى خادىملار ئاجايىپ دېڭىز ئاستى دۇنياسىدىن قانغىچە لەززەت ئېلىپ، تۈرلۈك ئىلىم - پەن تەكشۈرۈشى ۋە تەجرىبىلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن سۇ ئاستى قۇرۇلۇشلىرىنى قىلىش تېخىمۇ قىيىن. ئالىملار ئاۋۋال يېرىم چۆكمە شەكىلدىكى مېھمانخانا ياساشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ كونۇسسىمان ئىمارەت بولۇپ، دىئامېتىرى160 مېتىر، تېگىنىڭ كۆلىمى ئىككى پۇتبۇل مەيدانىچىلىك كېلىدۇ. مېھمانخانا سۇدىن16 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا سېلىنىپ، سۇدىن120 مېتىر كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. پۈتۈن مېھمانخانا62 قەۋەت بولۇپ، سۇ ئۈستىگە55 قەۋەت، سۇ ئاستىغا يەتتە قەۋەت سېلىنىدۇ،1200 ئېغىز ئۆي بولىدۇ، ھەممىسىنىڭ دېرىزىلىرى دېڭىزغا قاراپ تۇرىدۇ. زال، چۆمۈلۈش مەيدانى سۇ ئاستىغا قۇرۇلىدۇ، خېرىدارلار بۇ جايدا دەم ئالىدۇ، كۆڭۈل ئاچىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېڭىز - ئوكيانلاردىكى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى تاماشا قىلالايدۇ. سۇ ئۈستىدىكى55 قەۋەت بولسا ياتاق ۋە خىزمەت ئورنى قىلىنىدۇ. مېھمانخانىنىڭ ئۈستىدە ئىنتايىن چوڭ شامال كۈچى گېنېراتورى بولۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئامېرىكىلىق ئالىملار يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ،6000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز ئاستىغا دېڭىز ئاستى شەھىرى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. دېڭىز ئاستىدىكى بۇ شەھەر بېسىمغا چىداملىق نۇرغۇن شارلاردىن تەركىب تاپىدۇ، بۇ شارلار گەۋدىسى ئىچىدە شەكلى ئاجايىپ - غارايىپ تۇرالغۇ، دوختۇرخانا، مەكتەپ، دۇكان ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆكىرىپ تۇرىدىغان كۆكتاتلىق، قىزىقارلىق دېڭىز ئۈستى باغچىسى، مەززىلىك دېڭىز جانلىقلىرى رېستورانى قاتارلىقلار بولىدۇ. ساپ ھاۋا دېڭىز يۈزىدىن يەتكۈزۈلىدۇ، ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئاپتوماتىك تەڭشىلىدۇ، كىچىك تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتى بۇ شارلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش قورالى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئىنسانلار بۇ جايدا ياشىسا، خىزمەت قىلسا، ئازادىلىك ۋە ئۆزگىچە شادلىق تاپالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى