«پۇراپ« كان تېپىش
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
«پۇراپ» كان تېپىش ئۇسۇلى سىماب پارىدىن باشلانغان. تەبىئەتتە سىماب ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، نۇرغۇن سۇلفىدلىق كان ياتمىلىرىدا بولىدۇ. بولۇپمۇ مىس، قوغۇشۇن، سىنك، ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مولىبىدېن قاتارلىقلارنىڭ كان ياتمىلىرىدا ھەمىشە ئاز مىقداردا سىماب سۇلفىد بىللە پەيدا بولىدۇ. سىماب پارى ناھايىتى كۈچلۈك تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقتىن، بەزى كانلار نەچچە يۈز مېتىر تىرەن بولسىمۇ، يەر ئىسسىقلىقىنىڭ رول ئوينىشى بىلەن سىماب پارى يەنىلا قېلىن يەر قاتلىمىنى تېشىپ يەر ئۈستىگە چىقىپ ۋە ھاۋاغا تارقىلىپ، كان ياتمىسى ئەتراپىدىكى تۇپراق ۋە ھاۋادا كان يوق يەرلەردىكىگە قارىغاندا10 −20 ھەسسە يۇقىرى سىماب گازى پەيدا قىلىدۇ. ئامال قىلىپ ئۇنى «پۇراپ» ئالسىلا، بۇ كان بايلىقلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.
سىماب گازىنى «پۇراش» قا ئىشلىتىلىدىغان «بۇرۇن» گاز سۈمۈرۈش قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت. بۇ قۇرۇلما يەرگە5 .0 مېتىر ئەتراپىدا سانجىلىپ، يەر ئاستىدىكى سىماب گازى پروبىركىغا سۈمۈرۈلىدۇ. ئۇ پروبىركىدىكى ئالتۇن بىلەن ئامالگاما بىرىكمىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل بىرىكمە ھاسىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىماب گازى تۇتۇۋېلىنىدۇ. پروبىركىدىكى ئامالگاما بىرىكمىسى قىزدۇرۇلۇپ، سىماب بىلەن ئالتۇن يەنە پارچىلىنىدۇ، بۇ چاغدا سايمان سىماب گازىنىڭ مىقدارىنى ئۆلچەيدۇ. ئاندىن نۇرغۇن نۇقتىلارنى ئۆلچەش نەتىجىلىرىنى بىر سخېما قىلىپ سىزىپ، سىماب گازى مىقدارى يۇقىرى كان رايونىنى تېپىۋالغىلى بولىدۇ.
گېئولوگلار مۇشۇنداق سىماب گازىنى «پۇراپ» كان تېپىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىدا نەچچە ئون مېتىر شېغىل ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان ئالتۇن كان ياتمىسىنى تاپتى. كانادادا قېلىن مۇز بىلەن قاپلانغان بىر مىس كانىنى تاپتى، ئېلىمىزمۇ200 −300 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى مىس - تۆمۈر كانىنى تاپتى.
سىماب گازىنى «پۇراش» ئۇسۇلىنىڭ تۈرتكىسىدە يەنە گاز «پۇراپ» كان تېپىشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بارلىققا كەلدى، مەسىلەن، ھاۋادىكى سولفور (Ⅱ) ئوكسىدنىڭ مىقدارىنى ئۆلچەپ كان تېپىش ئۇسۇلى، ھىدروگېن سولفىد گازىدىن پايدىلىنىپ كان تېپىش ئۇسۇلى، كاربون (Ⅳ) ئوكسىددىن پايدىلىنىپ كان تېپىش ئۇسۇلى، گالوگېنلار ئائىلىسىدىكى ئېلېمېنتلارنىڭ گازىدىن پايدىلىنىپ كان تېپىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار. بۇ ئۇسۇللاردا كان بايلىقلىرىنىڭ ئوخشىمىغان «پۇرىقى» غا ئاساسەن يەر تېگىدىكى ھەر خىل بايلىقلار تېپىلىدۇ.